مادۇرو پارلامنېت سايلىمىدا ئۆكتىچىلەر غەلىبە قىلسا ھوقۇقىدىن ئىستېپا بېرىدۇ

ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو ئۆكتىچىلەر 2020-يىلى 6-دېكابىر ئۆتكۈزۈلىدىغان پارلامېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلغان ئەھۋالدا ھوقۇقىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1538797
مادۇرو پارلامنېت سايلىمىدا ئۆكتىچىلەر غەلىبە قىلسا ھوقۇقىدىن ئىستېپا بېرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېزۇئېلا تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، مادۇرو ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 2015-يىلى 12-دېكابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان پارلامېنت سايلاملىرىدا غەلىبە قىلغان ئۆكتىچىلەر يەنە بىر قېتىم غەلىبە قىلغان ئەھۋالدا ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ۋېنېزۇئېلالىقلارغا دەيمەنكى، تەقدىرىمنى سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا تاپشۇرىمەن. ئۆكتىچىلەر سايلامدا غەلىبە قىلسا، ۋەزىپەمدىن ئايرىلىمەن ۋە بۇ ئورۇندا جىق تۇرمايمەن» دېدى.

ئۇ ئۆكتىچى پارتىيەلەرنى يەكشەنبە كۈنى (2020-يىلى 6-دېكابىر) ئۆتكۈزۈلىدىغان پارلامېنت سايلىمىغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىپ، ھازىرقى پارلامېنت بىلەن يەنە بەش يىل بىرلىكتە خىزمەت قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر