خىتاي شىمالىي كورېيەگە قارىتلغان ب د ت نىڭ ئېمباگو قارارلىرىغا خىلاپلىق قىلماقتا

بېيجىڭ دائىرلىرى «خىتاي شىمالىي كورېيەگە قارىتلغان ب د ت نىڭ ئېمباگو قارارلىرىغا خىلاپلىق قىلماقتا» دېگەن ئامېرىكانىڭ ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلدى.

1538930
خىتاي شىمالىي كورېيەگە قارىتلغان ب د ت نىڭ ئېمباگو قارارلىرىغا خىلاپلىق قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ شىمالىي كورېيە مەسىلىلىرىگە مەسئۇل مۇئاۋىن ۋەكىلى ئالېكىس ۋوڭنىڭ خىتاينى ئەيىبلەپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ھەتتا شىمالىي كورېيەلىك توختاملىق ئىشچىلارنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ب د ت ئېمبارگولىرىنىمۇ ئىجرا قىلىشقا ئۇرۇنمىغانلىقى ھەققىدىكى سۆزلىرى ئۈستىدە توختالدى.

خۇا چۈنيىڭ خىتاينىڭ ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى دائىمىي ئەزاسى ۋە «مەسئۇلىيەتچان چوڭ كۈچ» بولۇش سۈپىتى بىلەن، ب د ت قارارلىرىنى دائىم ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ  قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە خەلقئارالىق مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

خۇا چۈنيىڭ ھازىرقى ۋەزىيەتتە ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچى ۋە ۋاقتىنى كورېيە يېرىم ئارىلىدىكى سىياسىي يارىشىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە سەرپ قىلىشى، ئېمبارگولارنىڭ شىمالىي كورېيە نوپۇسى ۋە تۇرمۇشىغا كۆرسىتىدىغان سەلبىي تەسىرىگە تېخىمۇ بەك دىققەت قىلىشى لازىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «كوۋىد -19 يۇقۇمىنىڭ داۋاملىق كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، بىخەتەرلىك كېڭىشىنى ئېمبارگو قارارىنىڭ بىكار قىلىنىدىغان ماددىلىرى ھەققىدە سۆھبەتنى تېزدىن باشلاشقا، ئېمبارگولاردا، بولۇپمۇ كېرەكلىك تۇرمۇش مەنبەلىرىگە دائىر زۆرۈر بولغان ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى قىلىشقا ھەمدە يېرىم ئارالدا سىياسىي ھەل قىلىش چارىسى يارىتىشقا يەنە بىر قېتىم چاقىرىق قىلىمىز» دېدى.

ئامېرىكا ئەمەلدارى ئالېكىس ۋوڭ سەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگىتوندا ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىندا، خىتاي  شىركەتلىرىنىڭ شامالىي كورېيە بىلەن ب د ت چەكلىگەن تاۋارلار سودىسى قىلىشىغا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىزچىل رۇخسەت قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

ئالېكىس ۋوڭ ئېكسپورت قىلىنىشىغا مەخسۇس ئېمبارگو يۈرگۈزۈلگەن «كۆمۈر» نى خىتاي ۋە شىمالىي كورېيە بايراقلىق پاراخوتلارنىڭ  ئىزچىل ھالدا شىمالىي كورېيەگە توشۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر