دۇنيادا ۋابا سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 1 يېرىم مىليونغا يېقىنلاشتى

دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 1 مىليون 487 مىڭ 900 دىن، يۇقۇملانغانلار سانى 64 مىليون 246 مىڭدىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلار سانى 44 مىليون 492 مىڭدىن ئاشتى.

1538195
دۇنيادا ۋابا سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 1 يېرىم مىليونغا يېقىنلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 276 مىڭ 979 غا، يۇقۇملانغانلار 14 مىليون 108 مىڭ 606 گە چىقتى.  ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى ياسالغان ۋاكسىنالارنىڭ ئالدى بىلەن سەھىيە ئورگانلىرىغا ۋە ساناتورىيەلەرگە تارقىتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئەنگلىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 603 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، جەمئىي سان 59 مىڭ 51 گە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 13 مىڭ 430 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي سان 1 مىليون 643 مىڭ 86 گە چىقتى.

ئەنگلىيە پارلامېنتى 2020-يىلى 3-دېكابىر ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش رامكىسىدا يولغا قويۇلغان كارانتىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت چىقارغان ئۈچ باسقۇچلۇق ئالدىنى ئېلىش قارارىنى ماقۇللىدى.

قارار بويىچە، بىرىنچى باسقۇچتا، رېستوران ۋە قاۋاقخانىلار شۇ يەر ۋاقتى 23:00 كىچە ئېچىلىدۇ. ئىككىنچى باسقۇچتا، ئۈستى يېپىق ئورۇنلاردا باشقا كىشىلەر بىلەن كۆرۈشۈش چەكلىنىدۇ. قاۋاقخانىلار رېستوران شەكلىدە مۇلازىمەت قىىلدۇ. ئۈچىنچى باسقۇچتا، چېنىقىش زاللىرى ئېچىلمايدۇ. زۆرۈر بولمىغاندا، ساياھەتكە چىقىش چەكلىنىدۇ. رېستوران ۋە قاۋاقخانىلار تاماق توشۇش مۇلازىمىتىنىلا قىلىدۇ. ھەر خىل تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلمەيدۇ.

ئىتالىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە 758 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسۇ سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 56 مىڭ 361 گە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 19 مىڭ 350 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 1 مىليون 620 مىڭ 901 گە چىقتى.

فىرانسىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە 356 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 53 مىڭ 506 گە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 8 مىڭ 83 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي سان 2 مىليون 230 مىڭ 571 گە چىقتى.

ئىسپانىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 442 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 45 مىڭ 511 گە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 8 مىڭ 257 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي سان 1 مىليون 656 مىڭ 444 كە چىقتى.

پورتۇگالىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 72 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 4 مىڭ 577 گە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 2 مىڭ 401 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي سان 300 مىڭ 462 گە چىقتى.

گېرمانىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 487 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە بۇ ۋىرۇس بايقالغاندىن بۇيانقى ئەڭ كۆپ ئۆلۈم سانى بولۇپ قالدى. ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 17 مىڭ 123 كە، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 1 مىليون 84 مىڭ 743 كە چىقتى.

مەركىزى شىۋېيتسارىيە پايتەختى جەنۋەگە جايلاشقان «Press Emblem Campaign» تەشكىلاتى، 2020-يىلى مارت ئېيىدىن بۇيان 56 دۆلەتتە 500 مۇخبىرنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ھىندىستاندا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 138 مىڭ 159 غا، يۇقۇملانغانلار سانى 9 مىليون 499 مىڭ 710 غا چىقتى.

رۇسىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 589 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 41 مىڭ 53 كە چىقتى. جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 2 مىليون 347 مىڭ 401 گە چىقتى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 2 مىڭ 867 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 337 مىڭ 422 كىشى يۇقۇملانغان ئىسىرائىلىيەدە، كۈنلۈك يۇقۇم سانىدىكى ئېشىش، «ئۈچىنچى دولقۇن ئەندىشەسى» نى كۈچەيتتى.

ئافرىقا قىتئەسىدە ۋۇخگن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 52 مىڭ 340 قا، يۇقۇملانغانلار سانى 2 مىليون 198 مىڭ 197 گە چىقتى.

جەنۇبىي ئافرىقادا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 21 مىڭ 644كە، يۇقۇملانغانلار 792 مىڭ 299 غا چىقتى.

 مىسىردا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 6 مىڭ 666 گە، يۇقۇملانغانلار 116 مىڭ 303 كە چىقتى.

ماراكەشتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 5 مىڭ 915 كە، يۇقۇملانغانلار 359 مىڭ 844 كە چىقتى.

سېيشېل ۋە ئېرىترېيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم ۋەقەلىرى ئېلان قىلىنمىدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 2 مىڭ 206 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 151 مىڭ 742 كىشى يۇقۇملانغان ياپونىيەدە، يېقىنقى 24 سائەتتە 41 كىشى ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى.

سەھىيە ۋەزىرى نورىھىسا تامۇرا: «ئەڭ ناچار ئەھۋالغا تەييار بولۇشىمىز لازىم. ئېغىر كېسەللەر سانىنىڭ 500 گە يېقىنلىشىشى، ئەھۋالنىڭ ناھايىتى خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر