ئىران پارلامېنتى يادرو لايىھەسىنى ماقۇللىدى
ئىران پارلامېنتى يادرو پائالىيەتلىرىنى تېزلەشتۈرۈش تەكلىپ قىلىنغان قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى؛ ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسى يادرو پائالىيەتلىرىنى تېزلەشتۈرۈش قانۇن لايىھەسىنىڭ پارلامېنتتا ماقۇللانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، «ئېمبارگولارنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى ۋە دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكەت پىلانى» دەپ نام بېرىلگەن لايىھە، 290 كىشىلىك پارلامېنتتا 250 ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغان.
پارلامېنتتا قوبۇل قىلىنغان لايىھە ئاساسىي قانۇننى قوغدىغۇچىلار كېڭىشىدە تەستىقلىنىپ قانۇنغا ئايلانغان ئەھۋال ئاستىدا، ئىران ئاتوم ئېنېرگيەسى ئىدارىسى ئۇراننى ئەڭ ئاز دېگەندە %20 قويۇلدۇرۇشنى باشلايدۇ ۋە تۆۋەن سەۋىيەدە قويۇلدۇرۇلغان ئۇران زاپىسىنى كۆپەيتىدۇ.
لايىھە، يادرو كېلىشىمى تەرەپدارلىرى لايىھە ئاخىرقى باسقۇچتا تەستىقلىنىپ، ئىككى ئاي ئۆتكىچە ئىراننىڭ بانكاچىلىق مۇناسىۋەتلىرىنى ۋە نېفىت ئېكسپورتىنى نورماللاشتۇرىدىغان قەدەملەرنى تاشلىمىسا، «يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېلىشىمى» رامكىسىدا، 2016-يىلىدىن تارتىپ خالىسانە ئىجرا قىلىنىۋاتقان قوشۇمچە كېلىشىمدىن چېكىنىشكە چاقىرىدۇ.
ئىران قوشۇمچە كېلىشىم بويىچە، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئاگېنتلىقى تەپتىشلىرىنىڭ، ئىراننىڭ يادرو مۇئەسسەسەلىرىنى خالىغان ۋاقىتتا تۇيۇقسىز تەكشۈرۈشىگە رۇخسەت قىلغان ئىدى. تېھران ھۆكۈمىتىنىڭ قوشۇمچە كېلىشىمدىن چېكىنىشى، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئاگېنتلىقى تەپتىشلىرىنىڭ تەكشۈرۈشلىرىگە چەك قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.