تۈركىيە ۋە فىنلاندىيەنىڭ  ب د ت دىكى ھەمكارلىقى گىرېتسىيەنى بىئارام قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدە، تۈركىيە ۋە فىنلاندىيەنىڭ خەلقئارالىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن 11 يىل ئىلگىرى  قۇرغان «تىنچلىق ئۈچۈن مۇرەسسە قىلغۇچى دوستلار گۇرۇپپىسى» گىرېتسىيەنى بىئارام قىلماقتا.

1537529
تۈركىيە ۋە فىنلاندىيەنىڭ  ب د ت دىكى ھەمكارلىقى گىرېتسىيەنى بىئارام قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيەنىڭ خېلسىنكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى گېئورگىيوس ئايفانتىس فىنلاندىيەنىڭ «HBL» گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا، فىنلاندىيەنىڭ ب د ت دا تۈكىيە بىلەن ئورناتقان ھەمكارلىقىنىڭ داۋاملىشىشىنىڭ گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئالاھىدە دىققەتكە ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «فىنلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن بىر ئىزاھات تەلەپ قىلىمىز. فىنلاندىيەنىڭ تۈركىيەگە تۇتقان بۇ پوزىتسىيەسى بىزنى چوڭ ئۈمىدسىزلىككە دۇچار قىلدى» دېدى.

گېئورگىيوس ئايفانتىس فىنلاندىيەنىڭ ب د ت دا تۈركىيە بىلەن ئورناتقان ھەمكارلىقىنى نېمە ئۈچۈن ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى چۈشەنمىگەنلىكىنى تەكىتلەپ، «فىنلاندىيە دىپلوماتلىرىنىڭ تۈركىيە بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا قۇرغان ھەمكارلىقىنى جامائەتچىلىك ئالدىدا مۇداپىئە قىللىشىنى چۈشىنەلمىدۇق. ئافىنا دائىرىلىرى فىنلاندىيە دىپلوماتلىرىنىڭ تۈركىيەگە قاراتقان ئىللىق باياناتلىرىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى» دېدى.

ئالدىنقى ئايدا گرېتسىيە، تۈركىيە ۋە فىنلاندىيە تەرىپىدىن 11 يىل ئىلگىرى قۇرۇلغان ۋە 59 دۆلەتتىن تەركىب تاپقان «تىنچلىق ئۈچۈن مۇرەسسە قىلغۇچى دوستلار گۇرۇپپىسى» دىن تۈركىيەنىڭ چىقىرىۋېتىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

فىنلاندىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تېمۇ تۇرۇنېن بولسا، تۈركىيە بىلەن بولغان دىيالوگنى ساقلاپ قېلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر