پ ك ك سىنجاردىن چىقىپ كېتىشنى باشلىدى
بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئىراقنىڭ مۇسۇل ۋىلايىتىگە قاراشلىق سىنجار رايونىدىن چېكىنىشكە باشلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پ ك ك ئەزاسى بارلىق تېررورچىلارنىڭ ئەربىل – باغداد ئوتتۇرىسىدا (9- ئۆكتەبىردە) ئىمزالانغان سىنجار كېلىشىمىنىڭ روھىغا ئاساسەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە رايوندىن چىقىرىۋېتىلىشى پىلانلانماقتا.
ئىراقنىڭ مۇسۇل ۋىلايىتىگە قاراشلىق سىنجار ناھىيەسى بەش يىلدىن بۇيان تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ كونتروللۇقىدا ئىدى.
پ ك ك نىڭ رايوندىكى مەۋجۇدىيىتىگە خاتىمە بېرىشنى نىشان قىلغان «سىنجار كېلىشىمى» دىن كېيىنلا ئىراق ھۆكۈمىتى، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سىنجاردىن چىقىپ كېتىشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىشنى كۈچەيتتى.
پ ك ك نىڭ سىنجاردا بازا قىلىپ ئىشلىتىۋاتقان يەتتە بىنانى يېقىنقى ئىككى كۈن ئىچىدە بوشاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ھازىرمۇ پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كونتروللۇقىدا تۇرۇۋاتقان ناھىيە مەركىزىدىكى بىر قاتار ئورۇنلارنىڭمۇ ئەڭ كېچىككەندىمۇ مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە بوشىتىلىشى كۈتۈلمەكتە.