ياپونىيە يۇقىرى سۈرئەتلىك ئىككى ئايرىم سۈنئىي ھەمراھنى ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بەردى

ياپونىيە يۇقىرى سۈرئەتلىك ئالاقە بىلەن تەمىنلەيدىغان ئىككى ئايرىم سۈنئىي ھەمراھنى ئېلىپ ماڭغان  «H2A» راكېتاسىنى ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بەردى.

1536735
ياپونىيە يۇقىرى سۈرئەتلىك ئىككى ئايرىم سۈنئىي ھەمراھنى ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىتسۇبىشى ئېغىر سانائەت ۋە ياپونىيە ئاۋىئاتسىيە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (JAXA) تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان سۈنئىي ھەمراھ توشىغۇچى «H2A» راكېتاسى غەربىي جەنۇبتىكى كاگوشىماغا جايلاشقان تانېگاشىما ئالەم قاتنىشى مەركىزىدىن قويۇپ بېرىلدى.

سۈنئىي ھەمراھلار 30 مىنۇتتىن كېيىن 300 كىلومىتىر ئېگىزلىكتە توشۇغۇچى راكېتادىن ئايرىلدى.

سۈنئىي ھەمراھلارنىڭ ئالدىنقى مودېللارغا سېلىشتۇرغاندا 9 ھەسسە ئارتۇق مەشغۇلات قىلىش مۇددىتىگە ئىگە ئىكەنلىكى، ئۇچۇر ۋە سۈرەتلەرنى تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە يوللايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باش مىنىستىر سۇگا يۆشىھىدە سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش توغرىسىدىكى باياناتىدا، «سۈنئىي ھەمراھلارنى دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە كرىزىسنى باشقۇرۇش ئىقتىدارىمىزنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تولۇق ئىقتىدارى بىلەن ئىشلىتىمىز » دېدى.

مىتسۇبىشى ئېغىر سانائەت ۋە ياپونىيە ئاۋىئاتسىيە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (JAXA) مۇ سۈنئىي ھەمراھلىرىنىڭ تېخىمۇ ئېلاستىكىلىق ۋە تېخىمۇ ئۇزۇن ئالاقە ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر