مۇھسىن فاھرىزادە سۇيىقەستىنىڭ تەپسىلاتلىرى ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى

ئىراننىڭ يادرو تەتقىقاتىنىڭ «ئاتىسى» دەپ قارالغان مۇھسىن فاھرىزادەنىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە دائىر تەپسىلاتلار ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى.

1536862
مۇھسىن فاھرىزادە سۇيىقەستىنىڭ تەپسىلاتلىرى ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران فارس خەۋەر ئاگېنتلىقى بۇ سۈيىقەستنىڭ يىراقتىن كونترول قىلىنىدىغان ئاپتوماتىك قورال بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ھۇجۇمغا ئالاقىدار نەق مەيداندىكى تەكشۈرۈشتە، سۈيقەستنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىنسان ئېلېمېنتىنىڭ بايقالمىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئاگېنتلىقنىڭ ئىلگىرى سۈرىشىچە، (27-نويابىر) جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن، فاھرىزادە ئايالى بىلەن بىرگە برونىۋېك ئاپتوموبىلىدا مازەندەراندىن دەماۋەند رايونىغا قاراپ يولغا چىققان. نەق مەيداندىن بىر قانچە كىلومېتىر يىراقلىقتا ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ماڭغان 3 قوغدىغۇچى ئاپتووموبىلنىڭ بىرسى بارىدىغان جاينى تەكشۈرۈش ئۈچۈن قوغدىغۇچى ئەترىتىدىن ئايرىلغان.

ئارقىدىنلا ئابسەردقا كەلگەندە، فاھرىزادەنىڭ ئاپتوموبىلىغا يىراقتىن ئوق ئېتىلغان. ئوق ئاۋازىنى ئاپتوموبىلدىن چىققان ئاۋاز دەپ ئويلاپ قالغان فاخرىزادە ئاپتوموبىلنى توختىتىپ ماشىنىدىن چۈشكەن.

يول ياقىسىغا توختىتىپ قويۇلغان كۆك رەڭلىك يۈك ماشىنىسىغا ئورنىتىلغان ۋە يىراقتىن كونترول قىلىنىدىغان ئاپتوماتىك قورال بىلەن تەخمىنەن 150 مېتىر يىراقلىقتىن فاھرىزادەگە 3 پاي ئوق ئېتىلغان. ئۆزىنى ئىران ئالىمى ئۈچۈن قالقان قىلغان قوغدىغۇچىسىغىمۇ بىر نەچچە پاي ئوق تەگكەن. كۆك رەڭلىك يۈك ماشىنىسىمۇ يىراقتىن كونترول قىلىنىدىغان بومبا بىلەن پارتلىتىلغانغان. قوغدىغۇچى نەق مەيداندا ۋە  فاھرىزادە دوختۇرخانىدا قازا قىلغان.

ئىران ئىستىخبارات مىنىستىرلىقى ھۇجۇم قىلغۇچىلار ھەققىدە يېڭى يىپ ئۇچىغا ئېرىشكەنلىكىنى ۋە پات يېقىندا ئېلان قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئىران پارلامېنتى ئېنېرگىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى فەرىدۇن ئابباسى فاھرىزادەنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ يادرو ئىستراتېگىيەسىنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىران پارلامېنتىنىڭ كۈنتەرتىپىدە، ئۇراننى %20 قويۇقلاشتۇرۇش، يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىش ۋە خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى مۇپەتتىشلىرىنىڭ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىشى قاتارلىق تاللاشلار مۇزاكىرە قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر