ئامېرىكادا بىر سودا مەركىزىدە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈنۈگۈن ئامېرىكانىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى بىر سودا مەركىزىدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئىككى كىشى قازا قىلدى.

1536188
ئامېرىكادا بىر سودا مەركىزىدە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كالىفورنىيەنىڭ پايتەختى ساكرامېنتودىكى سودا سارايدا بىر ھۇجۇمچىنىڭ ئوق چىقارغانلىقى سەۋەبىدىن 19 ياشلىق بىر كىشىنىڭ نەق مەيداندا قازا قىلغانلىقى، 17 ياشلىق يەنە بىر ئۆسمۈرنىڭ بولسا، دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ساكرامېنتو ساقچىلىرى ئېلان قىلغان باياناتىدا، مەملىكەتتە مال سېتىۋېلىش پەسلىنىڭ ئېچىلىش كۈنى قوبۇل قىلىنغان (Black Friday) «قارا جۈمە» سەۋەبىدىن زىچلىق يۇقىرى پەللىگە چىققان بىر سودا ساراينى تاللىغان ھۇجۇمچىنىڭ تېخىچە كىملىكى ئېنىقلانمىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر