قاراداغى: ئىشغالچىلار بىلەن نورماللىشىش كېلىشىمى تۈزۈش ئىشغالغا بويۇن ئېگىشتۇر

دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكى باش كاتىپى ئەلى مۇھيىددىن ئەل قاراداغى پەلەستىن دەۋاسىنىڭ قاراڭغۇ كۈنلەرنى ۋە قىيىن شارائىتلارنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ،  پەلەستىنلىكلەرنى «ئىتتىپاقلىشىش» قا چاقىردى.

1536356
قاراداغى: ئىشغالچىلار بىلەن نورماللىشىش كېلىشىمى تۈزۈش ئىشغالغا بويۇن ئېگىشتۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكى باش كاتىپى ئەلى مۇھيىددىن ئەل قاراداغى «29 - نويابىر خەلقئارا پەلەستىن خەلقى بىلەن ھەمكارلىشىش كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، ئۆزلىرىنىڭ پەلەستىن خەلقىگە يېقىن ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلارنىڭ پەلەستىنلىكلەردىن ۋاز كەچكەنلىكىنى، قۇددۇس، مەسجىدى ئەقسا ۋە پەلەستىننى ئىشغال قىلغانلار بىلەن نورماللىشىش كېلىشىمى تۈزۈشۈپ،  ئىشغالىيەتچىلەرگە بويۇن ئېگىشكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

بۇ كېلىشىملەرنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ بۇيرۇقى بىلەن تۈزۈلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان قاراداغى: «ھەقىقەت شۇكى، پەلەستىن دەۋاسى ئەڭ قاراڭغۇ كۈنلەرنى ۋە قىيىن شارائىتلارنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ» دېدى.

قاراداغى يەنە، پەلەستىنلىكلەرنى ئىتتىپاقلىشىش، ئىختىلاپلارغا خاتىمە بېرىش ۋە ئىسرائىلىيە ئىشغالىيىتىگە قارشى كۈرەش ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈشكە چاقىردى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) 73 يىل ئىلگىرى، يەنى 1947 - يىلى 29 – نويابىردا ماقۇللىغان قارار بىلەن پەلەستىننىڭ «يەھۇدىي ۋە ئەرەب» دەپ ئىككىگە بۆلۈنىشىنى ھەمدە 1977 - ۋە 1979 - يىللىرى ماقۇللىغان ئىككى قارار ئارقىلىق 29 – نويابىرنى «خەلقئارا پەلەستىن خەلقى بىلەن ھەمكارلىق كۈنى» سۈپىتىدە تەبرىكلەشنى بېكىتكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر