سومالىدا يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمى نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

سومالىنىڭ پايتەختى موگادىشۇدا ئايرودۇرۇم ئەتراپىدىكى بىر چايخانىدا يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 10 كىشى يارىلاندى.

1535936
سومالىدا يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمى نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، موگادىشۇ شەھىرىنىڭ  « KM4» رايونىدىكى ئاۋات بىر چايخانىدا، بىر زوراۋان ئۈستىگە تېڭىۋالغان بومبىنى پارتلاتقان، ھۇجۇمدا، ئىستانبۇلدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتنى ئوقۇش ياردەم پۇلىغا تايىنىپ پۈتتۈرگەن ۋە 3 ئاي بۇرۇن دۆلىتىگە قايتقان سومالىلىق ئىبراھىم ئابدىمۇ جېنىدىن ئايرىلغان.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كرىستوفىر مىللېرنىڭ موگادىشۇ زىيارىتىدىن بىرقانچە سائەت كېيىن يۈز بەرگەن ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەباب ئۆز ئۈستىگە ئالغان.

مىللېر زىيارىتىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ موگادىشۇ ئەلچىسى ۋە رايوندا ۋەزەپە ئۆتەۋاتقان ھەربىي خادىملار بىلەن كۆرۈشكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر