ياۋروپادا ۋاكسىنا يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن تەستىقلىنىشى مۇمكىن

ياۋروپا دورا ئىدارىسى(EMA) ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19)غا قارشى ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ياسىغان شىركەتلەرنىڭ ھازىرچە تەستىق ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنمىغانلىقىنى، ئەمما ئىلتىماس سۇنغان ئەھۋالدا دەسلەپكى تەستىقنىڭ يىل (2020) ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1535673
ياۋروپادا ۋاكسىنا يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن تەستىقلىنىشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋاكسىنا ۋە دورىلارغا تەستىق بېرىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئورگىنى بولغان ياۋروپا دورا ئىدارىسى، تەستىق ئىلتىماسى بولمىسىمۇ ئۈچ شىركەت تەتقىق قىلىۋاتقان ۋاكسىنالار ئۈستىدە تېز سۈرئەتتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا. بۇلار فايزېر (Pfizer) بىلەن ھەمكارلاشقان بىيونتېك (BioNTech) نىڭ «BNT162b2» ۋاكسىناسى، ئوكسفورد ئۇنىۋېرستېتى بىلەن ھەمكارلاشقان ئاسترا زېنېكا (AstraZeneca)نىڭ «ChAdOx1-SARS-CoV-2» ۋاكسىناسى ۋە مودېرنا بىيوتېك سپېيىن (Moderna Biotech Spain) شىركىتىنىڭ «mRNA-1273» ۋاكسىناسى.

ھازىرغىچە بولغان جەرياندا، كلىنكىلىق تەتقىقاتلاردا قولغا كەلگەن نەتىجىلەر ياۋروپا دورا ئىدارىسىغا داۋاملىق كېلىۋاتقان بولغاچقا، مەسئۇل دائىرىلەر تەستىقلاش مەسىلىسىدە ئېنىق ۋاقىت بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرماقتا. شۇنداقتىمۇ ۋاكسىنا ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلەرنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ياۋروپا دورا ئىدارىسىغا رەسمىي تەستىق ئىلتىماسىنى سۇنۇشى كۈتۈلمەكتە. بۇ سەۋەبتىن، ياۋروپا دورا ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرى دەسلەپكى تەستىقنىڭ يىل ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن بېرىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئويلاشماقتا.

كلىنكىلىق تەجرىبىلەردە، فايزېر ۋە بىيونتېكنىڭ ۋاكسىنالىرىنىڭ ئۈنۈمى %95 كە، مودېرنانىڭ %95.4 كە، بىر شىشە ئاسترا زېنېكا ۋە ئوكسفورد ۋاكسىناسى %70 كە، بىر يېرىم ياكى تولۇق بىر شىشە ۋاكسىناسىنىڭ ئۈنۈمى %90 كە يەتتى.

ئوكسفورد ئۇنىۋېرستېتى تەتقىق قىلغان ۋاكسىنانىڭ مەلۇماتلىرىدا خاتالىق بولۇش مۇمكىنلىكى ۋە تېخىمۇ كۆپ تەتقىقاتلارنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ھازىرغىچە «ئۈمىد ۋەدىسى» نى بەرگەن ئالتە شىركەت بىلەن تەخمىنەن 2 مىليارد شىشە ۋاكسىنا سېتىۋېلىش توختىمى ئىمزالىدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر