ئۇكرائىنا تۈركىيەدىن تەكرار ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئالىدۇ

ئۇكرائىنا باش ئىشتاب باشلىقى رۇسلان ھومچاك، كېلەر يىلى تۈركىيەدىن 5 دانە «بايراقتار» ناملىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى سېتىۋالىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1535145
ئۇكرائىنا تۈركىيەدىن تەكرار ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئالىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹Armiya inform› خەۋەرلەر تورى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھومچاك، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ئېھتىياجلىرى دائىرىسىدە، 2021 – يىلى تۈركىيەدىن 5 دانە «بايراقتار» ناملىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى سېتىۋېلىشنىڭ قارارلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئېيتقان.

ئۇكرائىنا 2019 – يىلى تۈركىيەدىن 6 دانە «Bayraktar TB2» ناملىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى  ۋە 3 دانە يەر كونترول ئىستانسىسى سېتىۋالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر