لاۋورۋ: ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر تەكەببۇرلۇق قىلىش ئادىتىدىن ۋاز كەچمەيۋاتىدۇ

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ تەكەببۇرلۇق قىلىش ئادىتىدىن ۋاز كەچمەيۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1535311
لاۋورۋ: ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر تەكەببۇرلۇق قىلىش ئادىتىدىن ۋاز كەچمەيۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لاۋورۋ، بېلارۇسىيە ۋە رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرى ئوتتۇرىسىدا مىنىسكتە چاقىرىلغان يىغىندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى تەنقىد قىلدى، ھەمدە دۈشمەنلەرچە پوزىتسىيە تۇتۇشى سەۋەبىدىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلاشنىڭ قولاي ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر، نوپۇزىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى سەۋەبلىك، باشقىلار ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغاندا، تەكەببۇرلۇق قىلىش ئادىتىدىن ۋاز كەچمەيۋاتىدۇ، بۇ ئادەت، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، قايتىدىن باراۋەرلىك ئاساسىدا دىيالوگ ئورنىتىش ئىمكانىيەتلىرىگە چەك قويۇۋاتىدۇ.»

بېلارۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋىلادىمىر ماكېي بىلەن بىرلىكتە بىرلەشمە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن  لاۋورۋ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە بىر قىسىم ياۋروپا ئەللىرىنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا داۋاملىق ئارىلىشىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ دۆلەتلەر ئاتالمىش ​​رەڭلىك ئىنقىلابلارنىڭ مەينەت مېتودلىرىنى داۋاملىق ئىشلىتىۋاتىدۇ. بىز بۇ مېتودلارنىڭ قانداق ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى بېلارۇسىيەدە كۆرۈۋاتىمىز.»

بېلارۇسىيەنىڭ رۇسىيەنىڭ ئىتتىپاقدىشى ۋە ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھى قېرىنداش بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن لاۋورۋ، بېلارۇسىيەدە مۇقىملىق ئۈچۈن، ھۆكۈمەتنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان ئاساسىي قانۇن ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم بىر قەدەم بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، گېرمانىيەنىڭ يېقىندىن بۇيان، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزاسى بولمىغان دۆلەتلەرگە قارشى زوراۋانلارچە پوزىتسىيە تۇتۇشتا «پاراۋۇز» غا ئايلانغانلىقىنى، غەربنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە قوش ئۆلچەم قوللىنىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە، فىرانسىيە، گېرمانىيە ۋە پولشادىكى كوچا نامايىشلىرىدا ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىق قىلىپ، نامايىشچىلارنى تارقىتىشىغا ھېچكىمنىڭ بىر نېمە دېمىگەنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

بېلارۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماكېيمۇ، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە، «بېلارۇسىيە مەسىلىسى» گە ئالاقىدار يېقىنقى ئۆزگىرىشلەرنىڭ، ئادالەتسىز ئېمبارگو تەدبىرلىرىنىڭ، ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ۋەزىيەتنىڭ سىياسىيلاشتۇرۇلغانلىقىىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، غەربنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى كوزېرغا ئايلاندۇرۇۋالغانلىقىنى ۋە قوش ئۆچەملىك پوزىتسىيە تۇتۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە، ياۋروپا كېڭىشى بىلەن ھەمكارلىق پىروگراممىلىرى مەسىلىسىدە بېلارۇسىيە بىلەن كېلىشىم بولماسلىقىغا قارىماي، ھەرقانداق بىر قارار ماقۇللىغان تەقدىردە، بۇ تەشكىلات بىلەن بولغان ئۇچۇر – ئالاقىنى ئۈزىدىغانلىقلىرىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر