قىزىل دېڭىزدا ھۇسىيلارنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ ئالدى ئېلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى
سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە كۈچلەر، قىزىل دېڭىزنىڭ جەنۇبىدا بىر تېررورلۇق ھەرىكىتىگە مۇداخىلە قىلىنىۋاتقان ئەسنادا، بىر سودا پاراخوتىنىڭ ئازراق زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ «ئەلئىخبارىييە» قانىلىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا تارقىتىلغان خەۋەردە، قىزىل دېڭىزنىڭ جەنۇبىدا ئىراننىڭ قوللىشى ئارقىسىدىكى ھۇسىيلارنىڭ پارتلاتقۇچ قاچىلانغان بىر كېمىنىڭ يوقىتىپ تاشلىنىپ، دېڭىز ھەرىكىتىگە بۇزغۇنچىلىق سېلىشنى نىشان قىلغان تېررورلۇق ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنىڭ ئېلىنغانلىقى بايان قىلىندى.
خەۋەردە، بىتچىت قىلىپ تاشلانغان پارتلاتقۇچ قاچىلانغان كېمىنىڭ قالدۇقلىرىنىڭ تېگىپ كېتىشى نەتىجىسىدە بىر سودا پاراخوتىغا ئازراق زىيان يەتكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.
ھۇسىيلار بۇ ھەقتە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.
ئۇزۇندىن بۇيان سىياسىي مۇقىمسىزلىق ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان يەمەندە ، ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ھۇسىيلار 2014-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ پايتەخت سانا ۋە بىر قىسىم رايونلارنى كونترول قىلىپ كەلمەكتە.
سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە كۈچلەر، 2015-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ ھۇسىيلارغا قارشى يەمەن ھۆكۈمىتىگە ياردەم بېرىپ كەلمەكتە.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

مالىدا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
مالىنىڭ بۇركىنا فاسو چېگراسىدا ئۆتكەن ھەپتە 15 تېررورچى ئۆلتۈرۈلدى.