گېرمانىيەدە بىر جامەگە ئىسلام دۈشمەنلىكى مەزمۇن قىلىنغان خەت ئەۋەتىلدى
گېرمانىيەنىڭ بادېن-ۋورتتمبېرگ ئۆلكىسىگە جايلاشقان باد ساچكىنگېن رايونىدىكى بىر جامەگە ئىسلام دۈشمەنلىكى مەزمۇن قىلىنغان مەكتۇپ ئەۋەتىلدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىنىي ئىشلار تۈرك - ئىسلام بىرلىكىگە قاراشلىق مېمار سىنا جامەسىگە ئەۋەتىلگەن ۋە فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹ Charlie Hebdo› ژۇرنىلى» نىڭ مۇقاۋىسىدىكى فوتو سۈرەتلەر قىستۇرۇلغا مەكتۇپتا، مۇسۇلمانلارغا ھاقارەت قىلىندى.
دىنىي ئىشلار تۈرك - ئىسلام بىرلىكىگە قاراشلىق مېمار سىنا جامەسى جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى ئەھمەد فىرات، بۇنىڭدىن ئىكىك يىل بۇرۇنمۇ جامەگە ئىسلام دۈشمەنلىكى مەزمۇن قىلىنغان مەكتۇپ يوللانغانلىقىنى، بۈگۈن ئەۋەتىلگەن خەتنى يەرلىك دائىرىلەر بىلەن ئورتاقلاشقانلىقلىرىنى ئېيتتى.
ئۇ، ئىلگىرى مەكتۇپ يوللىغان جاۋابكارلارنىڭ تېپىلمىغانلىقىنى، بۇ قېتىم جاۋابكارلارنىڭ ئېنىقلاپ چىقىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

مالىدا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
مالىنىڭ بۇركىنا فاسو چېگراسىدا ئۆتكەن ھەپتە 15 تېررورچى ئۆلتۈرۈلدى.