ئامېرىكادا تۇنجى قېتىم بىر تۈرك پىرېزىدېنتنى بېكىتىدىغان ۋەكىللەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نىيۇ جېرسىي ئىشتاتىدا ياشايدىغان سودىگەر ئايال دەريا تاشقىن، دۆلەتتە پىرېزىدېنتنى سايلاپ چىقىدىغان 538 سايلام ھەيئىتى ئەزالىقىغا، دېموكراتلار پارتىيەسى نامىدىن تەيىنلەنگەن تۇنجى تېگى تۈرك ئامېرىكالىق بولدى.

1534265
ئامېرىكادا تۇنجى قېتىم بىر تۈرك پىرېزىدېنتنى بېكىتىدىغان ۋەكىللەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دەريا تاشقىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا 3 – نويابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنت سايلىمىدا  قازانغان جو بايدىن ۋە ياردەمچىسى كامالا ھارررىس ئۈچۈن، نىيۇ  جېرسېي ئىشتاتى نامىدىن بېلەت تاشلايدىغان 14 ۋەكىلدىن بىرى بولۇپ سايلاندى.

تاشقىن، تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە توختالغاندا، بايدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە ھېچقانداق مەسىلە كۆرۈلمەيدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «چۈنكى، ئىككى كۈچلۈك ئىتتىپاقداش دۆلەت شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدا ھەمراھتۇر. دەرۋەقە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقى بايدىنغا ئايان، ئەلۋەتتە.»

تۈركىيەنىڭ كۈچلۈك بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن تاشقىن، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «تۈركىيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقدىشىدۇر. شۇڭا، ھاكىمىيەت بېشىغا كىم چىقسا چىقسۇن، بۇ ھەقىقەتنى ئەسلا نەزەردىن ساقىت قىلىۋېتەلمەيدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر