ئافغانىستان ئىككى ئايرىم پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى

ئافغانىستاننىڭ قەندىھار ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن ئىككى ئايرىم ھۇجۇمدا تۆت ئادەم قازا قىلدى، يەتتە نەپىرى ساقچى بولۇپ جەمئىي 13 ئادەم يارىلاندى.

1534208
ئافغانىستان ئىككى ئايرىم پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قەندىھار ۋىلايىتىنىڭ پانجۋائى رايونىدا يول بويىغا ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان پارتلاتقۇچنىڭ پارتلىتىلىشى نەتىجىسىدە بىرى كىچىك بالا، ئۈچ نەپىرى ئايال بولۇپ جەمئىي تۆت ئادەم قازا قىلدى. تۆت نەپىرى كىچىك بالا بولۇپ جەمئىي ئالتە ئادەم يارىلاندى.

يەنە بىر ھۇجۇم لاھورى رايونىدا مەيدانغا كەلدى؛ ئاپتوموبىل بومبا بىلەن قىلىنغان ھۇجۇمدا 7 ساقچى يارىلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر