گېرمانىيەدە باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىگە ھۇجۇم قىلىنىشىنىڭ ئالدى ئېلىندى

گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندا بىر كىشى باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىگە ئاپتوموبىلى بىلەن ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇندى.

1534242
گېرمانىيەدە باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىگە ھۇجۇم قىلىنىشىنىڭ ئالدى ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۈستىگە، «لەنەتلەنگەن بالىلار ۋە ياشانغانلارنىڭ قاتىللىرى» ۋە «يەر شارى خاراكتېرلىك سىياسەتلەرنى توختىتىڭلار» دېگەن خەتلەر يېزىلغان بىر ئاپتوموبىل، ئەتىگەن تەرەپلەردە باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى بىناسىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدىكى تۆمۈر توسۇقلىرىغا سوقۇلۇپ، توختىدى.

ساقچىلار شوپۇرغا مۇداخىلە قىلدى. ھۇجۇم تەشەببۇسى ئەسناسىدا، باش مىنىستىر  ئانگېلا مېركېل، باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى بىناسىدا، مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنى ئېچىۋاتاتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر