يەمەندە بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى
يەمەننىڭ ھۇدەيدە شەھىرىدە يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا 5 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.
1533434
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەن ئارمىيەسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «ھۇسىيلار تەرىپىدىن، ھۇدەيدە شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى ئەتتۇھەيتە ۋە ئەلھۇھە رايونلىرىنى بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان تۇپا يولغا ئوورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان بومبىنىڭ، پۇقرالار ئولتۇرغان ئاپتوموبىل ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا پارتلىشى نەتىجىسىدە، بىر ئايال ۋە بىر قىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى، بەزىسى ئېغىر، 7 پۇقرا يارىلاندى.»
ھۇسىيلار تەرىپىدىن بۇ ھەقتە تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.