ئامېرىكا فىلىپپىنغا قورال ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى روبېرت ئوبرىئېن، دۆلىتىنىڭ فىلىپپىنغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە راكىتامىيوت بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1533564
ئامېرىكا فىلىپپىنغا قورال ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ئوبرىئېن، فىلىپپىننىڭ پايتەختى مانىلادىكى زىيارىتى جەريانىدا بايانات بېرىپ، فىلىپپىنغا ھەرخىل تىپتىكى قوراللارنى ئەۋەتىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

فىلىپپىنىڭ تېررورىزمغا ۋە زېمىن ئىختىلاپلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان ئوبرىئېن، «پىرېزىدېنت دونالد ترامپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى دائېشقا قارشى كۈرەشتە فىلىپپىن پىرېزىدېنتى رودرىگو دۇتېرتېنى قوللايدۇ. بۇ قورال يۆتكەش ئىشىمۇ مۇھىم ئىتتىپاقداشلىقىمىزدا چىڭ تۇرىدىغانلىقىمىزنىڭ ناماياندىسىدۇر» دېدى.

ئۇ، فىلىپپىنىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش تىرىشچانلىقىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا فىلىپپىننىڭ ھاۋا ئاپپاراتلىرى ياكى پاراخوتلىرىغا قىلىنىدىغان ھەرقانداق بىر قوراللىق ھۇجۇم بىزنىڭ ئورتاق مۇداپىئە مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر