لىۋىيەدە يەنە بىر ئاممىۋى مازار تېپىلدى

لىۋىيە ئارمىيەسى ئىيۇن ئېيىدا دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى قانۇنسىز قوراللىق كۈچلەرنىڭ رەھبىرى خەلىفە ھەفتەرگە قاراشلىق خەلق ئەسكەرلىرىدىن ئازاد قىلغان تەرھۇنە شەھىرىدە يەنە بىر ئاممىۋى مازار تېپىلدى.

1533111
لىۋىيەدە يەنە بىر ئاممىۋى مازار تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيەدىكى يوقاپ كەتكەنلەرنى ئىزدەش ۋە ئېنىقلاپ چىقىش ئورگىنىنىڭ مەسئۇلى لۇتفى تەۋپىقنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىزدەش – قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى تەرھۇنە شەھىرىدە بايقالغان يېڭى مازاردا ئىككى جەسەتنى تاپقان بولۇپ، بۇ رەقەمنىڭ كۆپىيىپ كېتىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن.

لىۋىيە ئارمىيەسى، 25 – مارت كۈنى قوزغىغان «تىنچلىق بورىنى» ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە، 3 – ئىيۇن كۈنى پايتەخت ترابلۇسنىڭ چېگرا لىنىيەلىرىنى، 5 – ئىيۇن كۈنى بولسا، تەرھۇنە شەھىرىنى كونترول ئاستىغا ئالغانىدى.

ھەفتەر كۈچلىرىنىڭ ترابلۇسقا قارىتا ئۇدا 14 ئاي داۋاملاشقان ھۇجۇملىرىدا، ھەرىكەت ۋە ۋە تەمىنلەش مەركىزى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن تەرھۇنە شەھىرىنىڭ ئازاد قىلىنىشىدىن كېيىن، لىۋىيە دائىرىلىرى شەھەر ئىچى ۋە ئەتراپىدىكى نۇرغۇن ئاممىۋى مازارلار ۋە جەسەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقارغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر