دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: ۋاكسىنىلارنىڭ يۇقۇمغا خاتىمە بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ھەقىقىي ئۈمىد بار

گېبرېيۇس، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى باش ئورگىنىدا ھەپتىلىك سىنلىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

1533190
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: ۋاكسىنىلارنىڭ يۇقۇمغا خاتىمە بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ھەقىقىي ئۈمىد بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش دېرىكتورى تېدروس ئادانوم گېبرېيۇس، «(ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19)غا قارشى) ۋاكسىنا سىناقلىرىغا ئالاقىدار ئەڭ يېڭى ئىجابىي خەۋەرلەر بىلەن بىرلىكتە، بۇ ئۇزۇن ۋە قاراڭغۇ تونېلنىڭ ئاخىرىدىكى نۇر تېخىمۇ چاقنىماقتا» دېدى.

گېبرېيۇس، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى باش ئورگىنىدا ھەپتىلىك سىنلىق  مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

كوۋىد – 19  ۋاكسىنىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئىجابىي خەۋەرلەردىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن گېبرېيۇس، تارىختىكى ھەرقانداق بىر ۋاقىتتا بىر يۇقۇمغا قارشى ھازىرقىدەك تېز ۋاكسىنا تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ باقمىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ، «ۋاكسىنا سىناقلىرىغا ئالاقىدار ئەڭ يېڭى ئىجابىي خەۋەرلەر بىلەن بىرلىكتە، بۇ ئۇزۇن ۋە قاراڭغۇ تونېلنىڭ ئاخىرىدىكى نۇر تېخىمۇ چاقنىماقتا. نۆۋەتتە سىناقتىن ئۆتكەن باشقا ئامما ساغلاملىقىنى ساقلاپ تەدبىرلىرى بىلەن بىرلىكتە، ۋاكسىنىلارنىڭ يۇقۇمغا خاتىمە بېرىشكە ياردەمچى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ھەقىقىي ئۈمىد بار» دېدى.

ئۇ، تەتقىقاتچىلارنىڭ ۋاكسىنا تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېڭى ئۆلچەملىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «خەلقئارا جەمئىيەتمۇ ھازىر (ۋاكسىناغا) ئىگە بولۇشنىڭ يېڭى ئۆلچەملرىنى بېكىتىشى كېرەك» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر