دونالد ترامپ پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىدىكى دەۋادا ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن ئالىي سوتقا ئەرز سۇندى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىدا جو بايدېن غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، سايلامدا ھېلە ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نەتىجىنىڭ تىزىمغا ئېلىنماسلىقى ئۈچۈن فېدېراتىپ سوت مەھكىمىسىدە دېلو تۇرغۇزغان ئىدى.

1532492
دونالد ترامپ پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىدىكى دەۋادا ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن ئالىي سوتقا ئەرز سۇندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىدا جو بايدېن غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، سايلامدا ھېلە ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نەتىجىنىڭ تىزىمغا ئېلىنماسلىقى ئۈچۈن فېدېراتىپ سوت مەھكىمىسىدە ئاچقان دەۋادا ئۇتتۇرۇپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن ترامپ ئالىي سوتقا نارازىلىق ئەرزى سۇندى.

پېنسىلۋانىيە فېدېراتىپ سوتى دونالد ترامپنىڭ ئىشتاتتىكى سايلامدا قانۇنسىزلىق بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نەتىجىنىڭ تىزىمغا ئېلىنماسلىقىنى تەلەپ قىلغان دەۋاسىنى «ھەقىقىي ئىسپات» بىلەن تەمىنلىيەلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن رەت قىلدى.

ترامپنىڭ سايلام سەپەرۋەرلىك گۇرۇپپىسى بولسا، دېلودا ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن، ئالىي سوتقا ئەرز سۇنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ترامپ مەغلۇبىيەتنى ئېتىراپ قىلماي، جو بايدېن غەلىبە قىلغان ھالقىلىق ئىشتاتلاردا «سايلاملاردا قانۇنسىزلىق بار» لىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئاچقان دەۋالىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى ئۇتتۇرۇپ قويدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر