دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئۈچىنچى دولقۇن توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش ئالاھىدە ۋەكىلى داۋىد ناباررو (David Nabarro) زۆرۈر ئاستىقۇرۇلما تەشكىل قىلىنمىغاندا، كېلەر يىلى (2021) نىڭ باشلىرىدا ئۈچىنچى دولقۇننىڭ كېلىشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

1532502
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئۈچىنچى دولقۇن توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۋىسسنفو (Swissinfo) ئىنتېرنېت بېتىدە ئېلان خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە،  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش ئالاھىدە ۋەكىلى داۋىد ناباررو شىۋېيتسارىيەدە نېمىسچە پىروگرامما تارقىتىدىغان «CH»  مېديا گۇرۇپپىسىدا سۆز قىلىپ، ياۋروپا ۋە شىۋېيتسارىيەنىڭ يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش خىزمەتلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان.

ئۇ يۇقۇمغا قارشى تۇرۇشتا «بوشاڭلىق» قىلغان ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ، يۇقۇمنى كونترول قىلىشتا ئاسىيادىن كۆپ ئارقىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، شىۋېيتسارىيەنىڭمۇ يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنى بالدۇرلا بوشاتقان ۋە ئىككىنچى دولقۇنغا يېتەرلىك تەييارلىق قىلمىغان دۆلەتلەر ئارىسىدا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ياۋروپانىڭ بىرىنچى دولقۇنغا قايتۇرغان ئىنكاسىنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقىنى ۋە ئارقىدىن ئىككىنچى دولقۇننىڭ باشلىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىرىنچى دولقۇن كونترول قىلىنىپ بىر قانچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، ياز ئايلىرىدا زۆرۈر ئاستىقۇرۇلمىنى تەشكىل قىلىشتا مۇۋەپپەقىيەتسىز بولدى. ئەمدى ئىككىنچى دولقۇن بار. زۆرۈر ئاستىقۇرۇلما تەشكىل قىلىنمىسا، ئالدىمىزدىكى يىلنىڭ باشلىرىدا ئۈچىنچى دولقۇن كېلىشى مۇمكىن» دەپ ئاگاھلاندۇردى.

ئۇ ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ ياۋروپاغا سېلىشتۇرغاندا، يۇقۇمنى كونترول ئاستىدا تۇتۇش ئۈچۈن كېرەكلىك مۇساپە، ماسكا تاقاش ۋە دىزىنفېكسىيە تەدبىرلىرىگە ناھايىتى ياخشى بويسۇنغانلىقىنى تەكىتلىدى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھەپتە ئىچى ئېلان قىلغان باياناتىدا، تەشكىلاتنىڭ مەركىزى جايلاشقان جەنۋە ۋە قوشنا رايونلاردا دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ يۇقۇم ۋەقەلىرىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر