ترامپ جو بايدېننىڭ مىنىستىرلار كابىنېتى قۇرۇشقا باشلىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ سايلامدا غەلبە قىلغان جو بايدېننىڭ 4 ئىشتاتتا يۈز مىڭلىغان قانۇنسىز بېلەت ئېنىقلانغان تۇرۇغلۇق مىنىستىرلار كابىنېتى قۇرۇشقا باشلىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1531994
ترامپ جو بايدېننىڭ مىنىستىرلار كابىنېتى قۇرۇشقا باشلىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دونالد ترامپ تىۋىتتېر ھېسابىدا بايدېننىڭ كابىنېت قۇرۇشقا ئۇرۇنىشىنى تەنقىد قىلىپ، «4 ئىشتاتتا سايلام نەتىجىسىنى ئۆزگەرتىشكە يېتەرلىك دەرىجىدە يۈزمىڭلىغان قانۇنسىز بېلەت ئېنىقلانغان ۋە بۇ سايلامدا غەلىبە قىلىشقا يېتىپ ئاشىدىغان دەرىجىدە تۇرۇغلۇق، جو بايدېن نېمىشقا تېزدىن كابىنېت تەشكىللەشكە ئالدىرايدۇ؟» دېدى.

ترامپ: «ئۈمىد قىلىمەنكى، سوت ۋە قانۇن چىقارغۇچىلار سايلامنىڭ ۋە ئامېرىكانىڭ ئىشەنچلىكلىكىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ھەر قانداق ئىشقا جاسارەت قىلغاي. دۇنيا كۆزىتىۋاتىدۇ» دېگەن سۆزلەرنى ھەمبەھىرلىدى.

تىۋتتېر بولسا، ترامپنىڭ بۇ يازمىسىغا ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى قويدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر