كابۇلغا تۈنۈگۈن 23 راكېتامىيوت ئېتىلدى، قازا قىلغانلارنىڭ سانى 10 غا يەتتى

ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا تۈنۈگۈن ئېلىپ بېرىلغان راكېتامىيوت ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 10 غا يەتتى.

1532104
كابۇلغا تۈنۈگۈن 23 راكېتامىيوت ئېتىلدى، قازا قىلغانلارنىڭ سانى 10 غا يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن پرېزىدېنت ئەمرۇللا سالىھ تۈنۈگۈن ۋەزىر ئەكبەر خان رايونىغا يېقىن جايدا ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا يارىلانغانلار سانىنىڭ 51 گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

«ToloNews» قانىلىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مۇئاۋىن پرېزىدېنت ئەمرۇللا سالىھ ۋەقەنىڭ تەكشۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تارىق ئاريان تېررورچىلارنىڭ راكېتامىيوتلارنى كىچىك يۈك ماشىنىلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، شەھەرگە ئاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

كابۇلغا ئېتىلغان 23 راكېتامىيوتنىڭ بىرى ئىراننىڭ كابۇلدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا چۈشكەنلىكى سەۋەبىدىن ئەلچىخانا بىناسى زىيانغا ئۇچرىدى.

بۇ جەرياندا تالىبان ھۇجۇمنى ئۆزلىرىنىڭ قىلغانلىقىغا دائىر ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر