رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ تاغلىق قاراباغقا ئورۇنلىشىش خىزمىتى تاماملاندى

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ تاغلىق قاراباغقا ئورۇنلىشىش خىزمىتىنىڭ تاماملانغانلىقىنى ئېيتتى.

1531758
رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ تاغلىق قاراباغقا ئورۇنلىشىش خىزمىتى تاماملاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شويگۇ، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا، تاغلىق قاراباغنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ رايونغا ئورۇنلىشىش خىزمىتىنىڭ تاماملانغانلىقى ۋە ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلىشقا باشلىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن شويگۇ، 10 – نويابىر كۈنى تاغلىق قاراباغدىكى توقۇنۇشلارغا خاتىمە بېرىلگەن كېلىشىم تۈزۈلگەندىن بۇيان، رۇسىيەدىن 250 ئايروپىلان سەپىرى ئارقىلىق رايونغا ئەسكەر ۋە ھەربىي ئەسلىھە ئەۋەتىلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

شۇنداق قىلىپ، رايونغا 1960 ئەسكەر، 552 ئاپتوموبىل ۋە ئەسلىھەنىڭ كۆزىتىش نۇقتىسى قۇرۇلغان 23 رايونغا ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئېيتقان شويگۇ، تۈركىيە – رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش توختىتىش پائالىيەتلىرىنى كۆزىتىش ئۈچۈن ئورتاق مەركەزنىڭ سالاھىيىتى ۋە ۋەزىپىسىگە ئالاقىدار كېلىشىم توغرىلىقمۇ توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەزەربەيجان تېرروتېرىيەلىرىدە ئۇرۇش توختىتىشنى كونترول قىلىش ئۈچۈن تۈركىيە – رۇسىيە ئورتاق مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك كېلىشىم لايىھەسى دائىرىسىدە، تۈركىيە تەرەپ بىلەن ئورتاق مەركەزنىڭ ئورنى ۋە ۋەزىپىسى مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر