ئىراق مەركىزىي ھۆكۈمىتى سىنجارغا ساقچى بىرىگاداسى ئورۇنلاشتۇردى

ئىراق مەركىزىي ھۆكۈمىتى قارمىقىدىكى ساقچىلار بىرىگاداسى مۇسۇلنىڭ سىنجار رايونىغا ئورۇنلاشتى.

1531374
ئىراق مەركىزىي ھۆكۈمىتى سىنجارغا ساقچى بىرىگاداسى ئورۇنلاشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىراق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق ئىككى فېدېراتىپ ساقچى بىرىگاداسى سىنجارغا يېتىپ بارغان.

ئىراق ھۆكۈمىتى، سىنجارنىڭ ئامانلىقىنى مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

باغداد بىلەن ئەربىل ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنى سىنجاردىن چىقىرىۋېتىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر كېلىشىم ئىمزالانغانىدى.


خەتكۈچ: #سىنجار , #ئىراق

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر