ئامېرىكادا ۋابا سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 258 مىڭدىن، يۇقۇملانغانلار 12 مىليوندىن ئاشتى

دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 1 مىليون 368 مىڭ 370 تىن، يۇقۇملانغانلار سانى 57 مىليون 372 مىڭدىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلار سانى 39 مىليون 840 مىڭدىن ئاشتى.

1531432
ئامېرىكادا ۋابا سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 258 مىڭدىن، يۇقۇملانغانلار 12 مىليوندىن ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكادا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 258 مىڭ 354 كە، يۇقۇملانغانلار سانى 12 مىليون 72 مىڭدىن ئاشتى. يۈز ئۆلچىمى جەھەتتىن ئەڭ چوڭ، ئەمما 10 مىليوندىن ئاز نوپۇسى بار تېكساس، ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم ۋە يۇقۇم نىسبىتىدە كالىفورنىيە ئىشتاتىنى ئارقىدا قالدۇردى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مۇداپىئە سىياسەتلىرى مەسلىھەتچىلىك ۋەزىپىسىگە ۋاكالىتەن تەيىنلەنگەن ئانتوني تاتا (Anthony Tata) ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى.

كالىفورنىيە ۋە ئوخايو ئىشتاتلىرىدا ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش رامكىسىدا تەخمىنەن بىر ئاي بويىچە سىرتقا چىقىشنى چەكلەش تەدبىرلىرى يولغا قويۇلىدۇ. كالىفورنىيە ۋالىيسى گاۋىن نىيۇسوم (Gavin Newsom)، ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم ۋە يۇقۇم ۋەقەلىرىنىڭ كۆپىيىشى سەۋەبىدىن بۇ تەدبىرنى ئىجرا قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئەنگلىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 51 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، جەمئىي سان 53 مىڭ 775 كە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 22 مىڭ 915 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي سان 1 مىليون 453 مىڭ 256 گە چىقتى.

ئىتالىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 47 مىڭ 870 كە، يۇقۇملانغانلار سانى 1 مىليون 308 مىڭغا چىقتى.

ئىسپانىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 42 مىڭ 291 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 1 مىليون 574 مىڭ كىشى يۇقۇملاندى.

مېكسىكا سەھىيە مىنىستىرلىقى يېقىنقى 24 سائەتتە 576 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 4 مىڭ 472 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 100 مىڭ 104 كە، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 1 مىليون 19 مىڭ 543 كە چىقتى.

مېكسىكا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 100 مىڭدىن ئاشقان تۆت دۆلەتنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 10 مىڭ 598 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ئۇكرائىنادا، يېقىنقى 24 سائەتتە 14 مىڭ 575 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي سان 598 مىڭ 85 كە چىقتى.

ھىندىستاندا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 132 مىڭ 223 كە چىقتى. 9 مىليون 6 مىڭ كىشى يۇقۇملاندى.

رۇسىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 35 مىڭ 311 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 2 مىليون 39 مىڭغا چىقتى.

ئىراندا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 43 مىڭ 896 گە، يۇقۇملانغانلار 828 مىڭ 377 گە چىقتى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 1 مىڭ 912 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 122 مىڭ 966 كىشى يۇقۇملانغان ياپونىيەدە، پايتەخت توكيودا ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئاگاھلاندۇرۇش تۆتىنچى دەرىجىگە چىقىرىلدى.

ئافرىقا قىتئەسىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 48 مىڭ 875 كە، يۇقۇملانغانلار 2 مىليون 40 مىڭ 542 گە چىقتى. يېقىنقى 24 سائەتتە 273 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 13 مىڭ 849 كىشى يۇقۇملاندى.

بەزى دۆلەتلەردىكى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم سانلىرى تۆۋەندىكىچە:

بىرازىلىيە 168 مىڭ 141، فىرانسىيە 47 مىڭ 127، ئارگېنتىنا 36 مىڭ 532، پېرۇ 35 مىڭ 446، كولومبىيە 34 مىڭ 761، بېلگىيە 15 مىڭ 196، چىلى 14 مىڭ 955، گېرمانىيە 13 مىڭ 788، ئېكۋادور 13 مىڭ 73، پولشا 12 مىڭ 88، كانادا 11 مىڭ 265، جەنۇبىي ئافرىقا 20 مىڭ 671، مىسىر 6 مىڭ 508 ۋە ماراكەش 5 مىڭ 90.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر