ئەرمېنىيە مۇداپىئە مىنىستىرى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى

ئەرمېنىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى داۋىت تونويان ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى.

1531344
ئەرمېنىيە مۇداپىئە مىنىستىرى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرمېنىيەنىڭ تاغلىق قاراباغدىكى مەغلۇبىيىتى ئەرىۋاندا ئېغىر داۋالغۇش پەيدا قىلدى، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئارقا – ئارقىدىن ئىستېپا بېرىشكە باشلىدى.

بىر قانچە كۈن ئىلگىرى ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنىدى.

بۇ قېتىم، 2018 – يىلىدىن بۇيان مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان داۋىت تونويان ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى ئايرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئەزەربەيجان زېمىنلىرىنى ئىشغال قىلىپ تۇرۇۋاتقان ئەرمېنىيە، يېقىنقى مەزگىللەردە ئوق چىقىرىپ، پۇقلارغا زىيان يەتكۈزۈشكە باشلىغانىدى.

باكۇ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى زېمىنلىرىنى ئازاد قىلىش ھەرىكىتى نەتىجىسىدە ئەرمېنىيە مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان ۋە مەغلۇبىيىتىنى ئېتىراپ قىلغان  ئەرىۋان دائىرىلىرى، خەلقنىڭ كۈچلۈك ئەيىبلەش ئوبيېكتىغا ئايلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر