ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش مۇزاكىرىلىرى توختىتىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدىكى لوندوننىڭ ئىتتىپاقتىن ئايرىلىش مۇزاكىرىلىرى، بىر مۇزاكىرىچىدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بايقالغانلىقى ئۈچۈن توختىتىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى Brexit باش مۇزاكىرىچىسى مىشېل بارنىئېر، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، ئەنگلىيە بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ۋە كەلگۈسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى شەكىللەندۈرىدىغان مۇزاكىرىلەرنىڭ توختىتىلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ھەيئىتىمىزدىكى مۇزاكىرىچىلەردىن بىرىدە <ۋۇخەن ۋىرۇسى> بايقالدى. شۇڭا، ئەنگلىيەنىڭ Brexit مۇزاكىرىچىسى داۋىد فروست بىلەن بىرلىكتە، مۇزاكىرىلەرنى قىسقا مۇددەت توختىتىشنى قارارلاشتۇردۇق.»
ئەنگلىيەنىڭ Brexit مۇزاكىرىچىسى داۋىد فروست، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «مەن مىشېل بارنىئېر ئەپەندىم بىلەن بۇ مەسىلە توغرىسىدا يېقىندىن ئالاقىلىشىۋاتىمەن. ھەيئەتلىرىمىزنىڭ سالامەتلىكى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. جىددىي ياردەم بەرگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقى ئۈچۈن، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىغا رەھمەت ئېيتىمەن.»