ماكرون ئەزەربەيجان ۋە ئەرمېنىيە رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ۋە ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1531255
ماكرون ئەزەربەيجان ۋە ئەرمېنىيە رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېلسي سارىيى پىرېزىدېنت ماكروننىڭ ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ۋە ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ماكروننىڭ ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدىن كېيىن، فىرانسىيە ئالدىن ئەھمىيەت بېرىدىغان مەسىلىلەرنى تىلغا ئالغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، توقۇنۇشلارنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن، تاغلىق قاراباغدا خەلقنى قوغداش ۋە يېقىنقى ھەپتىلەردە يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان ئونمىڭلارچە كىشىنىڭ قايتىشى ئۈچۈن مۇزاكىرەلەرنىڭ قايتىدىن باشلىنىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا يەنە، ماكروننىڭ فىرانسىيەنىڭ تاغلىق قاراباغقا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى قىلىدىغانلىقىنى، دىنىي ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ قوغدىلىشى ئۈچۈن تەدبىرلەرنى ئېلىشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر