ئاۋسترىيەدە مۇسۇلمان ئاياللارغا قارىتىلغان ئىرقچىلىق ھۇجۇملىرى كۆپەيدى

ئاۋسترىيەدە بېشىغا ياغلىق ئارتقان ئاياللارھەم كوچىلاردا، ھەم ئىجتىمائىي تاراتقۇ مۇنبەرلىرىدە ھۇجۇم نىشانى قىلىنماقتا

1530375
ئاۋسترىيەدە مۇسۇلمان ئاياللارغا قارىتىلغان ئىرقچىلىق ھۇجۇملىرى كۆپەيدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئاۋسترىيىدە ئىرقچىلىققا قارشى خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان «ئىرقچىلىققا قارشى خىزمەت ۋە ئاممىۋى  ئىنكاس جەمئىيىتى (ZARA)» نىڭ مەسئۇلى كارولىن كېرچباۋمېر دۆلەت قانىلى «ORF» كە بەرگەن باياناتىدا، 2 - نويابىردىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن، مۇسۇلمان ئاياللارغا ھۇجۇم قىلىش نىسبىتىنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى ئېيتتى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  كارولىن كېرچباۋمېر تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىنكى تەخمىنەن 15 كۈن ئىچىدە، 80 دىن ئارتۇق ئىسلامغا قارشى ئىرقچى ھۇجۇم رۇيخەتكە ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

كارولىن كېرچباۋمېر مۇسۇلمانلارغا قىلىنىغان ئىرقچى ھۇجۇملارنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ،  مۇسۇلمانلارنىڭ ئەيىبلىنىۋاتقانلىقىنى، بېشىغا ياغلىق ئارتقان ئاياللارنىڭ ھەم كوچىلاردا، ھەم ئىجتىمائىي تاراتقۇ مۇنبەرلىرىدە ھۇجۇم نىشانى قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئاۋىستىرىيەدە 2 - نويابىردا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 4 كىشى قازا قىلغان ۋە بىخەتەرلىك قىسىملىرى تېررورچىنى ئۇجۇقتۇرغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر