ئەرمېنىيەدە پاشىنيانغا قارشى نامايىشلار داۋام قىلماقتا
ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنياننىڭ ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلىۋاتقان نامايىشچىلار، پايتەخت ئەرىۋاندىكى بەزى يوللارنى توسۇۋالدى.
1530664
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نامايىشچىلار، نىكول پاشىنياننىڭ ئەرمېنىيە ئىشغالى ئاستىدىكى تاغلىق قاراباغدىكى جەڭدە ئەزەربەيجانغا يېڭىلىپ قالغانلىقىنى قوبۇل قىلىشىدىن كېيىن باشلانغان نامايىشلىرىنى بۈگۈنمۇ داۋاملاشتۇردى.
شەھەر مەركىزىدىكى بەزى يوللارغا قاتناش ۋاسىتىلىرىنى كىرگۈزمىگەن نامايىشچىلار، پاشىنياننى ئىستېپا بېرىشكە چاقىردى ۋە ئۇنىڭغا قارشى شوئارلارنى توۋلىدى.
ئەرمېنىيە مېدىياسى، بەزى ساقچىلارنىڭ ئاپتوموبىللىرىنى نامايىشچىلارغا قارىتىپ ھەيدەپ يوللارنى قاتناش ۋاسىتىلىرىگە ئېچىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان كۆرۈنۈشلىرىنى تارقاتتى.
ساقچىلارنىڭ مۇداخىلىسى نەتىجىسىدە تارقاقلىشىشتىن ئىلگىرى بىر قىسىم نامايىشچىلار نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.