ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى سەئۇدى ئەرەبىستاننى تەنقىد قىلدى

ئامېرىكا ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى، « G-20گۇرۇھى دۆلەتلىرى سەئۇدى ئەرەبىستان ھاكىمىيىتىنىڭ قەتلىئام ۋە قىيىن-قىستاقلىرىنى كۆرمەسكە سېلىۋاتىدۇ» دەپ تەنقىد قىلغان ماقالە ئېلان قىلدى.

1530463
ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى سەئۇدى ئەرەبىستاننى تەنقىد قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى سەئۇدى ئەرەبىستاننى تەنقىد قىلغان باشماقالە ئېلان قىلدى.

باشماقالىدە، سەئۇدى ئەرەبىستان ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆكتىچىلەرنى شىددەتلىك باستۇرغانلىقىدىن ۋە يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان يەمەندىكى قەتلىئاملار سەۋەبىدىن خۈنۈكلەشكەن ئوبرازىنى ياخشىلاش ئۈچۈن مىليونلارچە دوللار سەرپ قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

ۋەلىئەھدى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلماننى «پادىشاھلىقنىڭ ھەقىقى رەھبىرى» دەپ ئەسكەرتىلگەن ماقالىدە، بۇ ھەپتە ئاخىرى سەئۇدى ئەرەبىستان پايتەختى رىيادتا ئېچىلىدىغان G-20 گۇرۇھى يىغىنىدا،  بىن سەلماننىڭ ئوبرازىنى ياخشىلاش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

2018-يىلى ئۆكتەبىردە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىدا ئۆلتۈرۈلگەن ژۇرنالىست جەمال قاشىقچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ئۆكتىچىلەرنى ھەر خىل ئۇسۇلدا باستۇرغانلىقى تىلغا ئېلىنغان ماقالىدە: « G-20 گۇرۇھى دۆلەتلىرى، بولۇپمۇ دېموكراتىك دۆلەت رەھبەرلىرى بۇ ئۆكتەملىك داۋاملىشىۋاتقان ئەھۋالدا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ G-20 نىڭ رەئىسى بولۇشى ياكى ساھىبخانلىق قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنماسلىقى كېرەك ئىدى» دېيىلدى.

G-20 ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر ئارىسىدىن ئورۇن ئالغان 19 دۆلەت ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىدىن تەشكىل تاپىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر