مۇتەخەسسىسلەر تەجرىبىخانىدا ئالماس ئىشلەپچىقىرىشتا ئۇتۇققا ئېرىشتى

مۇتەخەسسىسلەر تەجرىبىخانىدا مەخسۇس تېمپېراتۇرا ئاستىدا تېز سۈرئەتتە ئالماس ئىشلەپچىقىرىشتا ئۇتۇققا ئېرىشتى.

1530820
مۇتەخەسسىسلەر تەجرىبىخانىدا ئالماس ئىشلەپچىقىرىشتا ئۇتۇققا ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «Phys.org» تور بېتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاۋىستىرالىيە دۆلەتلىك «RMIT» ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان گۇرۇپپا تەجرىبىخانىدا مەخسۇس ئۆي تېمپېراتۇرىسى ئاستىدا شەكىللەندۇرگەن ئىككى خىل ئالماس ھەققىدە «Small» ژۇرنىلىدا تەپسىلاىي مەلۇمات ئېلان قىلغان.

بۇ ئىككى خىل ئالماسنىڭ بىرىنچى خىلى، توي ئۈزۈكلىرىدە تاقىلىدىغان تۈر، ئۇككىنچىسى لونسدالېت بولۇپ، تەبىئەتتە بولىدىغان ۋە خرۇستال قۇرۇلمىغا ئاساسەن «ئالتە بۇرجەكلىك» دەپ ئاتىلىدىغان ئالماس تۈرى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئادەتتە ئالماسنىڭ شەكىللىنىشى نەچچە مىليارد يىل كېتىدىغان ۋە يۇقىرى بېسىم شۇنداقلا ئىنتايىن يۇقىرى ئىسسىقلىق تەلەپ قىلىدىغان جەريان ئىكەنلىكى مەلۇم.

ئاۋىستىرالىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جودى برادباي تەجرىبىخانىدىكى خىزمەتنىڭ ئاچقۇچلۇق نۇقتىسىنىڭ بېسىم ئىشلىتىش ئۇسۇلى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ،  يۇقىرى بېسىم ئىشىتىشتىن باشقا يەنە، كاربوننىڭ «تېيىلىش» دەپ ئاتىلىدىغان ئەھۋالىنى تەجرىبە قىلىشقىمۇ رۇخسەت قىلىنغانلىقى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

برادباينىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار ئېگىش كۈچىگە ئوخشايدىغان بۇ «تېيىلىش» كاربون ئاتوملىرىنىڭ بىر يەرگە يۆتكىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىككى خىل ئالماسنى شەكىللەندۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر