15 دۆلەتتە يۇقۇم سانى ئېلان قىلىنغىنىدىن كۆپ ئىكەن

بىر تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، 15 دۆلەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) يۇقۇم نىسبەتلىرى ئېلان قىلىنغان رەقەملەردىن كۆپ ئىكەن.

1530516
15 دۆلەتتە يۇقۇم سانى ئېلان قىلىنغىنىدىن كۆپ ئىكەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋستىرالىيە دۆلەت ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئىنتېرنېت بېتىدە ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، ئاۋستىرالىيە دۆلەت ئۇنىۋېرستېتى، مېلبورن ئۇنىۋېرستېتى ۋە ئىكىگاي تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى ياۋروپادىكى 11 دۆلەت بىلەن ئاۋستىرالىيە، كانادا، جەنۇبىي كورېيە ۋە ئامېرىكادىكى 800 مىليون نوپۇسنى ئاساس قىلغان ھالدا ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەرنى ھېسابلاپ چىققان.

تەتقىقات جەريانىدا، ياۋروپا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى ئېلان قىلغان ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈملەر ئانالىز قىلىنغان.

تەتقىقاتتا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە بېلگىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك رەقەملەرنىڭ ئېلان قىلىنغىنىدىن ئالتە ھەسسە، ئىتالىيەدە 17 ھەسسە كۆپ ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىققان.

تەتقىقاتتا قەيت قىلىنىشىچە، ئاۋستىرالىيە ئاپرېل ئېيى (2021) نىڭ ئاخىرىغىچە 15 دۆلەت ئارىسىدا ئەڭ ياخشى بايقاش سەۋىيەسىگە ئىگە بولۇپ، ئاۋغۇست ئېيىنىڭ ئاخىرىدا يۇقۇم نىسبىتىنىڭ رەسمىي ئېلان قىلىنغان رەقەمدىن بەش ھەسسە كۆپ بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكى پىروفېسسور كۋىنتىن گرافتون (Quentin Grafton): «نۇرغۇن دۆلەتلەردە ۋۇخەن ۋىرۇسى يۇقۇملىرىنىڭ ئېلان قىلىنغان رەقەملەردىن تېخىمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق. بۇ ئەھۋال كونترول ئاستىدىكى يۇقۇم ئېتىماللىقىغا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئانالىزلار ئەنگلىيەدە 5.4 مىليون كۆپ كىشىنىڭ (تەخمىنەن ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %8ى) ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى» دېدى.

تەتقىقات نەتىجىسى «Royal Society Open Science» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر