ئامېرىكادا ۋابا سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار254 مىڭدىن ئاشتى

دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 1 مىليون 345 مىڭدىن، يۇقۇملانغانلار سانى 56 مىليون 16 مىڭدىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلار سانى 39 مىليون 28 مىڭدىن ئاشتى.

1529982
ئامېرىكادا ۋابا سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار254 مىڭدىن ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكادا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 254 مىڭ 291 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 11 مىليون 697 مىڭغا چىقتى. دۆلەت مىقياسىدا 30 مىنۇتتا نەتىجىسى چىقىدىغان ۋە ئۆيدە تەكشۈرۈشكە بولىدىغان دىياگنوز ئۈسكۈنىسىنى ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلىندى.

ئامېرىكا مەركىزى بانكاسى(Fed) نىڭ باشلىقى جېروم پاۋېل (Jerome Powell) ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەرنىڭ كۆپىيىشىنىڭ، ئىقتىسادىي ئەسلىگە كېلىشتە ئەندىشە پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئىقتىسادنىڭ مالىيە ۋە پۇل جەھەتتىن ياردەمگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تېكساس ئىشتاتىدا ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەرنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى سەۋەبىدىن يېمەك-ئىچمەك ئېھتىياجىنىڭ ئاشقانلىقى ۋە 14-نويابىر  داللاس شەھىرىدە 72 توننىدىن ئارتۇق يېمەك-ئىچمەك تارقىتىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

بىلدۈرۈلىشىچە، 25 مىڭ كىشى يېمەك-ئىچمەك يىشىكىنى ئېلىش ئۈچۈن 6 مىڭدىن ئارتۇق ئاپتوموبىل بىلەن ئۇزۇن ئۆچىرەت ھاسىل قىلغان.  

 ياۋروپادا ۋابانىڭ مەركىزىگە ئايلانغان ئەنگلىيەدە، يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 598 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 20 مىڭ 51 كىشى يۇقۇملاندى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار 52 مىڭ 745 كە، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 410 مىڭ 732 گە چىقتى.

ئىتالىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 731 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 32 مىڭ 191 كىشى يۇقۇملاندى. ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 46 مىڭ 464 كە، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 238 مىڭ 72 گە چىقتى.

فىرانسىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە دوختۇرخانىلاردا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 437 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. يېقىنقى تۆت كۈندە ساناتورىيەلەردە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 791 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 46 مىڭ 273 كە، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 2 مىليون 36 مىڭ 755 كە چىقتى.

ئىسپانىيەدە يېقىنقى بىر كۈندە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 435 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 41 مىڭ 688 گە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 13 مىڭ 159 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي سان 1 مىليون 510 مىڭ 23 كە چىقتى.

پورتۇگالىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 81 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە 4 مىڭ 452 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 3 مىڭ 553 كە، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 230 مىڭ 124 كە چىقتى.

ۋۇخگن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 11 مىڭ 74 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان كانادادا، يېقىنقى بىر ھەپتىدە 28 مىڭ 970 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 305 مىڭ 436 گە چىقتى.

ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى قاتتىق تەدبىرلەر يولغا قويۇلغان گوللاندىيەدە، كۈنلۈك يۇقۇم سانىنىڭ تۆۋەنلىشى بىلەن ئاممىغا ئېچىۋېتىلگەن جايلار ۋە بىنالاردا قايتىدىن پائالىيەتلەر باشلاندى. يېقىنقى ئىككى ھەپتىدىن بۇيان تاقىۋېتىلگەن كىنوخانا، مۇزېيى، تىياتىرخانا، كۇتۇپخانا، كۆڭۈل ئېچىش باغچىلىرى، سۇ ئۈزۈش كۆلچەكلىرى ۋە ھايۋاناتلار باغچىسى قاتارلىق جايلارنىڭ ئەتە (2020-يىلى 19-نويابىر) دىن باشلاپ ئېچىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 14 مىڭ 839 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 540 مىڭ 605 كىشى يۇقۇملانغان بېلگىيەدە، ۋىرۇسقا قارشى ياسالغان ۋاكسىنا خەلققە ھەقسىز ئۇرۇلىدۇ. مەجبۇرىي بولمىغان ۋاكسىنا ئالدى بىلەن سەھىيە خادىملىرىغا ۋە ياشانغانلارغا ئۇرۇلىدۇ.

كوسوۋۇدا ھاشىم تاچى ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن، پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ۋاكالىتەن تاپشۇرۇۋالغان پارلامېنت باشلىقى ۋجوسا ئوسمانى ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى. ئوسمانى يىغىنلارغا ئىنتېرنېت ئارقىلىق قاتنىشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۇكرائىنا سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن يېقىنقى بىر كۈندە 256 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشى بىلەن، جەمئىي سان 10 مىڭ 112 گە چىققان. بۇ ۋىرۇسقا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يۇقىرى كۈنلۈك ئۆلۈم سانى بولۇپ قالغان. ئوخشاش ۋاقىتتا 12 مىڭ 496 كىشىنىڭ يۇقۇملىنىشى بىلەن، جەمئىي يۇقۇم سانى 570 مىڭ 153 كە چىققان.

ئاسىيا قىتئەسىدە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان ھىندىستاندا، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 131 مىڭ 31 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 8 مىليون 912 مىڭ 907 گە چىقتى.

رۇسىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 34 مىڭ 387 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 1 مىليون 991 مىڭغا چىقتى.

ئىراندا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 42 مىڭ 461 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 788 مىڭ 473 كە چىقتى.

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى ۋۇخەن ۋىرۇسى تەدبىرلىرى رامكىسىدا 2020-يىلى 21-نويابىردىن باشلاپ بەزى چەكلىمىلەرنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى، بۇ مەزگىلدە تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار تەخمىنەن 10 مىليون ئائىلىگە 100 مىڭ تۈمەن نەق پۇل ۋە 1 مىليون تۈمەن قەرز بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىراقتىكى ئەربىل ۋالىيسى فەرەست سوفى ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى.

جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە، 35 مىڭ 490 سەھىيە خادىمى ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، 338 سەھىيە خادىمى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 20 مىڭ 314 كە، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 752 مىڭ 209 غا چىقتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر