دونالد ترامپ پېنسىلۋانىيەدە ئاچقان سايلام دېلوسىدا ئۇتتۇرۇپ قويدى

ئامېرىكادىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا، دونالد ترامپنىڭ سايلام گۇرۇپپىسى «قانۇنسىز» شەكىلدە پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىدىكى بېلەت ساناش مەركىزىگە كىرگۈزۈلمىگەنلىكلىرى سەۋەبىدىن پېنسىلۋانىيە سوتىدا ئاچقان دېلودا ئۇتتۇرۇپ قويدى.

1529696
دونالد ترامپ پېنسىلۋانىيەدە ئاچقان سايلام دېلوسىدا ئۇتتۇرۇپ قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  پېنسىلۋانىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى ترامپ گۇرۇپپىسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ «قانۇنسىز» شەكىلدە فىلادېلفىيەدىكى بېلەت ساناش مەركەزلىرىگە كىرگۈزۈلمىگەنلىكى توغرىسىدىكى ئەرزنامىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.

سوت 2 گە قارشى 5 ئاۋاز بىلەن كۆزەتكۈچىلەرنىڭ فىلادېلفىيەدە قەيەردە تۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق بىر بەلگىلىمە يوقلىقىنى، بۇ قائىدىلەرنىڭ رايونلۇق ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىختىيارىدا ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

بۇ قارار بىلەن تىرامپنىڭ سايلام سەپەرۋەرلىك گۇرۇپپىسى ئۆزلىرىگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولغان بۇ دېلودا ئۇتتۇرۇپ قويغان بولدى.

ئامېرىكىدا 3 – نويابىردا ئۆتكۈزۈلگەن 59 - نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا، غەيرىي رەسمىي نەتىجىلەرگە ئاساسلانغاندا، دېموكراتچىلارنىڭ نامزاتى جو بايدېن غەلىبە قىلغان ئىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ نامزاتى دونالد ترامپ بولسا، سايلامدا «ئالدامچىلىق» قىلىنغانلىقىنى ۋە ھەقىقىي غەلىبە قىلغۇچىنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە.

يەنە بىر تەرەپتىن، جو بايدىن ۋە ئامېرىكانىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتلىقىغا تەيىنلەنگەن كامالا ھاررىس ئاقسارايغا ئۆتۈش باسقۇچىدا ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ھەمكارلىشىشنى رەت قىلىشى بىلەن، سابىق ئىستىخبارات خادىملىرى، دىپلوماتلار ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ توردا غەيرىي رەسمىي دۆلەت بىخەتەرلىك دوكلاتى سۇنغانلىقىنى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر