ب د ت 20 دۆلەت گۇرۇھىنى ۋاكسىنا مەبلىغى بوشلۇقىنى تولدۇرۇشقا چاقىردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى – ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس، 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنى كوۋىد – 19 يۇقۇمىغا قارشى «يەرشارى ۋاكسىنىسى» ئۈچۈن زۆرۈر بولۇۋاتقان 28 مىليارد دوللارلىق بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا چاقىردى.

1529882
ب د ت 20 دۆلەت گۇرۇھىنى ۋاكسىنا مەبلىغى بوشلۇقىنى تولدۇرۇشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گۇتېررېس، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادتا ئۆتكۈزۈلىدىغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرى سىن يىغىنىدىن ئىلگىرى مەزكۇر دۆلەتلەرگە مەكتۇپ يوللاپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قەرزىنى تۆلەش مۇددىتىنى 2021- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە كېچىكتۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئانتونىيو گۇتېررېس، 20 دۆلەت گۇرۇھىنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ دۇنيا ۋاكسىنىسى ۋە داۋالاش پروگراممىسى ئۈچۈن تەلەپ قىلىنغان 28 مىليارد دوللارلىق مەبلەغ بوشلۇقىنى تولدۇرۇشقا چاقىردى ۋە ۋاكسىنا مىللەتچىلىكىگە قارشى تۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ب د ت نىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس يەنە 115 مىليون كىشىنىڭ يۇقۇم سەۋەبىدىن ئېغىر نامراتلىق خەۋىپىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر