ۋاكسىنا ئىجاد قىلغان تۈرك دوختۇرلار ب د ت غا تەكلىپ قىلىندى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 75- نۆۋەتلىك ئومۇمىي مەجلىسىنىڭ باشلىقى ۋولقان بوزقېر، پىروفېسسور دوكتور ئۇغۇر شاھىن بىلەن دوكتور ئۆزلەم تۈرەجىنى ب د ت يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىشقا تەكلىپ قىلدى.

1528908
ۋاكسىنا ئىجاد قىلغان تۈرك دوختۇرلار ب د ت غا تەكلىپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 75- نۆۋەتلىك ئومۇمىي مەجلىسىنىڭ باشلىقى ۋولقان بوزقېر، ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) ۋاكسىنىسىنى ياساپ چىققان گېرمانىيە گېرمانىيە بىئوتېخنىكا شىركىتى BioNTech نىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن پىروفېسسور دوكتور ئۇغۇر شاھىن بىلەن دوكتور ئۆزلەم تۈرەجىنى 3-، 4 – دېكابىر كۈنلىرى چاقىرىلىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا تەكلىپ قىلدى.

بوزكېر ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، تۈرك تەتقىقاتچىلار شاھىن ۋە تۈرەجى بىلەن سىنلىق كۆرۈشكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ پۈتۈن دۇنياغا ئۈمىد بېغىشلىغان مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى «تەبرىكلىگەنلىكى» نى بايان بىلدۈردى.

بوزقىر سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئۇلار، مېنىڭ رىياسەتچىلىكىمدە 3-، 4 – دېكابىر كۈنلىرى چاقىرىلىدىغان ب د ت ئومۇمىي مەجلىسىنىڭ كوۋىد – 19 مەخسۇس يىغىنىغا قاتنىشىش تەكلىپىمنى قوبۇل قىلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

BioNTech نىڭ كوۋىد – 19 غا قارشى تەرەققىي قىلدۇرغان ۋاكسىنىسىنىڭ ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش نىسبىتىنىڭ% 90 تىن يۇقىرى ئىكەنلىكى ئېلان قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر