نىگېرىيەدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇم نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

غەربىي ئافرىقا دۆلىتى نىگېرىيەنىڭ قادۇنا ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 11 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1529344
نىگېرىيەدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇم نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قادۇنا ئۆلكىسىگە قاراشلىق ئالباسۇ يېزىسىنىڭ كاتتىلىرىدىن نۇھۇ ئەبۇبەكرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، موتوسىكلىتلىق قوراللىق كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىدا 11 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 4 كىشى يارىلانغان. ئاندىن زوراۋانلار دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى يېزىغا يېتىپ بارغۇچە قېچىپ كەتكەن. دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ھۇجۇمنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان.

دۆلەتتە يېقىندىن بۇيان قوراللىق كىشىلەرنىڭ موتوسىكلىتلىق ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن، بەزى ئۆلكىلەردە موتوسىكلىتقا مىنىش چەكلەنگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر