مېركېل: كوۋىد-19 غا قارشى كۈرەشتە ئىجتىمائىي ئۇچرىشىشنى يەنىمۇ ئازايتىش كېرەك

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل كوۋىد-19 غا قارشى كۈرەشتە ئىجتىمائىي ئۇچرىشىشنى يەنىمۇ ئازايتىش كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.

1529052
مېركېل: كوۋىد-19 غا قارشى كۈرەشتە ئىجتىمائىي ئۇچرىشىشنى يەنىمۇ ئازايتىش كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېركېل سىنئالغۇ يىغىنى ئارقىلىق ھەر قايسى ئۆلكە رەئىسلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن كوۋىد -19 تېمىلىق مەسلىھەت يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلدى.

مېركېل كوۋىد -19 غا قارشى ھازىرغىچە يولغا قويۇلغان تەدبىرلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ھەسسىلەپ ئېشىشىنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقىنى تەكىتلەپ: «بىر قېتىم بولسىمۇ ئۆزئارا ئۇچرىشىش بولمىغىنى ياخشى. شۇڭا بىز يەنە بىر قېتىم شۇنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىمىزكى، خۇسۇسىي يىغىلىش ۋە تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىدىن قەتئىي ساقلىنىشىڭلار لازىم» دېدى.

يۇقۇمغا قارشى كۈرەش ھەققىدە 25 – نويابىردا قايتا يىغىن ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان مېركېل، كېلەر ھەپتىدىكى يىغىندا مۇددىتى 30 – نويابىردا توشىشى پىلانلانغان چەكلىمىلەرنىڭ تېخىمۇ  كۈچەيتىلىشىنىڭ نۇقتىلىق كۈن تەرتىپتە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مېركېل يەنە ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە 15 FFP2 تىپلىق ماسكىنى ئازغىنە ھەق ئېلىش بىلەن تارقىتىش قارارى ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر