سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەلىد مۇئەللىم ئۆلدى
ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «SANA»، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەلىد مۇئالىمنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى چاقماق خەۋەرىدە ئېلان قىلدى.
1528566
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەۋەردە، ۋەلىد مۇئەللىمنىڭ ئۆلۈش سەۋەبى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.
79 ياشلىق ۋەلىد مۇئەللىم 2006 - يىلى 11 - فېۋرالدىن باشلاپ ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان ئىدى.
مۇئەللىم سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشتا بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئەڭ چوڭ قوللىغۇچىلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدى.
ۋەلىد مۇللىم 1941 - يىلى پايتەخت دەمەشىقتە تۇغۇلغان، 1990 - يىلىدىن 1999 – يىللىرىغىچە بولغان مەزگىلدە سۈرىيەنىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سامىھ شۈكرى ھەپتە ئاخىرىدا تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.