بىر خىتاي بېلگىيەدىن 1 مىليون 600 مىڭ ياۋروغا پوچتا كەپتىرى سېتىۋالدى
بېلگىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن تالاشتۇرۇپ سېتىشتا «New Kim» ناملىق پوچتا كەپتىرى 1 مىليون 600 مىڭ ياۋروغا سېتىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ ياۋروپادا ھازىرغا قەدەر ئەڭ يۇقىرى باھادا سېتىلغان كەپتەر بولدى.
بېلگىيەنىڭ برۇگگې شەھىرى ئەتراپىدىكى كېنسېلارې بازىرىدا ئىنتىرنېت ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلگەن تالاشتۇرۇپ سېتىشتا، بېلگىيەنىڭ پوچتا كەپتىرى خىتايلىق بىر كەپتەر ھەۋەسكارى تەرىپىدىن سېتىۋىلىندى.
بېلگىيەنىڭ پوچتا كەپتىرى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، ئەڭ قىممەت باھادا سېتىلغان چىشى كەپتەر بولۇش ئالاھىدىلىكىگىمۇ ئىگە.
«New Kim» ناملىق پوچتا كەپتىرىنى تاپشۇرۇپ بېرىش باشقۇچى ئاخىرلاشقۇچە ئوغرىلىنىش خەۋىپىگە قارشى مەخپىي بىر جايدا ساقلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
پوچتا كەپتەرىنىڭ خىتايغا ئېلىپ بارغاندىن كېيىن قايتا بېلگىيەگە ئۇچۇپ كەلمەسلىكى ئۈچۈن ئالاھىدە رايوندا بېقىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.