ياۋروپا ئىتتىپاقى: ئىسلام بىز ئۈچۈن تەھدىت ئەمەس

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچكى ئىشلار كومىسسارى ئىلۋا يوھانسون ئىسلام دىنىنىڭ ياۋروپا ئۈچۈن تەھدىت ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

1527614
ياۋروپا ئىتتىپاقى: ئىسلام بىز ئۈچۈن تەھدىت ئەمەس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىرى، فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدىكى باتاكلان تىياتىرخانىسىدا ۋە ستايد دې فرانس تەنتەربىيە زالىدا يۈز بەرگەن ۋە 130 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ھۇجۇملارنىڭ 5 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش مەسىلىسىدە يىغىن چاقىردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچكى ئىشلار كومىسسارى ئىلۋا يوھانسون، يىغىندىن كېيىن، شىۋېيتسىيە دۆلەتلىك خەۋەر ئاگېنتلىقى (TT) گە بەرگەن باياناتىدا، نە ئىسلام دىنىنىڭ، نە كۆچمەنلەرنىڭ ياۋروپا ئۈچۈن تەھدىت ئەمەسلىكىنى، شۇڭا ئەسەبىي قاراشقا ئىگەئاشقۇن كۈچلەرگە قارشى كۈرەش قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئىسلام تەھدىت ئەمەس، دىن تەھدىت ئەمەس، ئەكسىچە تېررورچىلار تەھدىتتۇر. ئىسلامچى سىياقىغا كىرىۋالغان ئەسەبىيلەر ۋە ئاشقۇن ئوڭچىللارغا قارشى كۈرەش قىلىنىشى كېرەك. كۆچمەنلەرمۇ ياۋروپا ئۈچۈن تەھدىت ئەمەستۇر.»

ئىماملارغا غەربنىڭ قىممەت ئۆلچەملىرى بويىچە تەلىم بېرىلىش پىكرىنى تەنقىد قىلغان يوھانسون، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «مەن دىنىي رەھبەرلەرگە تەلىم بېرىلىشىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھوقۇقلىرىدىن بىرى دەپ قارىمايمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر