ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن ھۇجۇم نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

ئافغانىستاننىڭ قۇندۇز ۋىلايىتىدە تالىبان ئەزالىرىنىڭ ھۇجۇمىدا 12 ئامانلىق ساقلىغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1527400
ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن ھۇجۇم نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «Tolo News» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قۇندۇز ۋىلايەتلىك كېڭەش ئورگىنىنىڭ مەسئۇلى مۇھەممەد يۈسۈف ئەييۇبى، تالىبان ئەزالىرىنىڭ ئىمام ساھىب ناھىيەسىگە جايلاشقان بالا ھىسار ھەربىي بازىسىغا  قىلغان ھۇجۇمىدا، 12 ئامانلىق ساقلىغۇچىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 11 ىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، ھۇجۇمدا كەم دېگەندە 7 تالىبان ئەزاسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئافغانىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پايتەخت كابۇلنىڭ غەربىدىكى پاگمان ناھىيەسىدە ئاپتوموبىلغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان بومبىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە 4 ئەسكەر قازا قىلغان، 5 ى يارىلانغان.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر