پېسكوۋ: پۇتىن ئەردوغاننىڭ بەرپاچى پوزىتسىيەسىگە يۇقىرى باھا بېرىدۇ

رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى - كرېمىل سارىيى باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بەرپاچى پوزىتسىيەسىگە يۇقىرى باھا بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

1526673
پېسكوۋ: پۇتىن ئەردوغاننىڭ بەرپاچى پوزىتسىيەسىگە يۇقىرى باھا بېرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پېسكوۋ مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيەنىڭ تاغلىق قاراباغ مەسىلىسىدىكى پىكىر ئىختىلاپلىرىنىڭ تۈركىيە تەرىپى بىلەن سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پېسكوۋ، رۇسىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى دىيالوگنىڭ رايوندىكى نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بىز بۇ ئۆئارا تەسىر، ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە ھەمكارلىققا ئەھمىيەت بېرىمىز» دېدى.

پېسكوۋ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «سىلەرنىڭمۇ بىلگىنىڭلاردەك، پىرېزىدېنتىمىز پۇتىنمۇ تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئەردوغاننىڭ بەرپاچى ئۇسۇلىنى قەدىرلەيدۇ. رەھبەرلەر ناھايىتى قويۇق ۋە پۇختا دىيالوگ ئېلىپ بارماقتا، ئەلۋەتتە بۇ خىل مۇرەككەپ مەسىلىلەرگە بولغان كۆز قاراشتا ئىختىلاپلار بولىدۇ. بۇلارنى تۈرك شېرىكلىرىمىز بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ھەل قىلىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر