دۇنيادا يۇقۇملانغانلار سانى 52 مىليوندىن ئاشتى

دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 1 مىليون 291 مىڭدىن، يۇقۇملانغانلار سانى 52 مىليون 565 مىڭدىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلار سانى 36 مىليون 764 مىڭدىن ئاشتى.

1526461
دۇنيادا يۇقۇملانغانلار سانى 52 مىليوندىن ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيادا ۋابانىڭ مەركىزىگە ئايلانغان ئامېرىكادا، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 247 مىڭ 398 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 10 مىليون 708 گە چىقتى.

نىيۇ يورك ئىشتاتىدا ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەرنىڭ تېز كۆپىيىشى سەۋەبىدىن خىزمەت ۋاقتىغا ۋە ئائىلىدە كۈتۈۋالىدىغان مېھمان سانىغا چەكلىمە قويۇلدى ۋە مېھمان سانىنىڭ 10 كۆپ بولماسلىقى بەلگىلەندى.

ئەنگلىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 595 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 50 مىڭ 365 كە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 22 مىڭ 950 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 1 مىليون 256 مىڭ 725 كە چىقتى.

ئىتالىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 623 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 49 مىڭ 953 كە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 32 مىڭ 961 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 1 مىليون 28 مىڭ 424 كە چىقتى.

ئىتالىيەدىكى دوختۇر ۋە سىستېرالار بىرلەشمىلىرى دوختۇرخانىلاردىكى كارۋات سانىنىڭ تولۇشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئىسپانىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 40 مىڭ 105 كە، يۇقۇملانغانلار سانى 1 مىليون 463 مىڭغا چىقتى.

ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى 2020-يىلى 23-نويابىردىن باشلاپ ۋۇخەن ۋىرۇسى يۇقۇمىدا «خەتەرلىك دۆلەت» دەپ بېكىتىلگەن دۆلەتلەردىن كەلگەن يولۇچىلاردىن سالامەتلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى تەلەپ قىلىش قارارىنى چىقاردى.

فىرانسىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە 329 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 42 مىڭ 535 كە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 35 مىڭ 879 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي سان 1 مىليون 865 كە چىقتى.

كانادادا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 10 مىڭ 69 گە چىقتى. يېقىنقى بىر ھەپتىدە 36 مىڭ 830 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي سان 276 مىڭ 466 گە چىقتى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 909 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان گىرېتسىيەدە، 63 مىڭ 31 كىشى يۇقۇملاندى. ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش رامكىسىدا، كېچىدە سىرتقا چىقىشنى چەكلەش بەلگىلىمىسىنىڭ ۋاقتى بەش سائەتتىن سەككىز سائەتكە چىقىرىلدى.

ھىندىستاندا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 128 مىڭ 165 كە، يۇقۇملانغانلار سانى 8 مىليون 684 مىڭغا چىقتى.

ئىراندا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 39 مىڭ 664 كە، يۇقۇملانغانلار سانى 715 مىڭ 68 گە چىقتى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 31 مىڭ 593 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان رۇسىيەدە، يۇقۇملانغانلار سانى 836 مىڭ 960 كە چىقتى.

ياپونىيەدە ۋۇىگن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 1 مىڭ 876 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 112 مىڭ 880 گە چىقتى.

ياپونىيە تىببىي فېدېراتسىيەسىنىڭ باشلىقى ناكاگاۋا توشىيو ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، «ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەر تېز كۆپىيىشكە باشلىغان ئۆتكەن ئايدىن بۇيان خوككايدونى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جايلاردا قايتىدىن كۆپىيىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇنىڭ ۋىرۇسنىڭ ‹ئۈچىنچى دولقۇن› ى  ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز» دېدى.

ئافرىقا قىتئەسىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 46 مىڭ 357 گە چىقتى. يېقىنقى 24 سائەتتە پۈتكۈل قىتئەدە 14 مىڭ 163 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي سان 930 مىڭ 482 گە چىقتى.

بەزى دۆلەتلەردىكى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم سانلىرى تۆۋەندىكىچە:

بىرازىلىيە 163 مىڭ 406، مېكسىكا 96 مىڭ 430، پېرۇ 35 مىڭ 31، ئارگېنتىنا 34 مىڭ 531، كولومبىيە 33 مىڭ 312، چىلى 14 مىڭ 633، بېلگىيە 13 مىڭ 758، ئېكۋادور 12 مىڭ 920، گېرمانىيە 12 مىڭ 82، جەنۇبىي ئافرىقا 20 مىڭ 11، مىسىر 6 مىڭ 405 ۋە ماراكەش 4 مىڭ 506.     



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر